ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1 . تۈۋى، يۈزنىڭ ئاستى.
دەريانىڭ تېگى.* قازاننىڭ تېگى.* چىنىنىڭ تېگى.
2 . ئاستى، ئاستىنقى قىسمى. ساندۇق كارۋاتنىڭ تېگىگە قويۇلغان.* ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرتىدۇ ( ماقال ).* تىلنىڭ تېگىدە تىلى بار ( ماقال ).
3 . ئاساس، ئۇل. تامنىڭ تېگى.* ئىشنىڭ تېگى خېلى بوش ئىكەن.* مېھنەتنىڭ تېگى راھەت ( ماقال ).* نادانلىقنىڭ تېگى گادايلىق ( ماقال ).
4 . نەرسىنىڭ ئەسلى يۈزى. تېگى قىزىل ۋىۋىسكا قارا خەت يېزىلغان.* تېگى كۆك، گۈلى قىزىل رەخت.
5 . يوشۇرۇن مەنىسى. گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار.* گېپىنىڭ تېگىگە يېتەلمىدىم.
6 . ماھىيىتى، نېگىزى. ئىشنىڭ تېگى نېمە؟ مەسىلىنىڭ تېگى نېمە؟ بۇلارنى ئېچىش لازىم.
7 . بىر كىمنىڭ كېلىپ چىقىشى، زاتى. تېگى پەس.* تېگى تازا.* ئادەمنىڭ تېگىنى بىلمەك تەس.
*8 . بىر كىمنىڭ تەكتى، ئەسلى يۇرتى. تېگىم قەشقەرلىق ئىكەن، ئۆزۈم ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان.* تېگى دۈشمەن دوست بولماس.
9 . قالدۇق، يۇقۇندا . قازاندا ئاشنىڭ تېگى قالدى.* قاپاقنىڭ تېگىنى يالا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تەگمەك، تېگىش. 1. تاقالماق، تاقاشماق.
قۇلۇم تاشقا تەگدى.* جوزىنىڭ پۇتى يەرگە تەگدى.* ئېگىلگەنگە ئېگىل بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە، غادايغانغا غاداي بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە ( ماقال ).* قولى قولىغا تەگمەي، پۇتى پۇتىغا تەگمەي.
2 . تۇرمۇشقا چىقماق، ياتلىق بولماق. ئۇ كىمگە تېگىپتۇ؟* ئەگلەككە بېرىپ ئەرگە تېگىپتۇ ( ماقال ).* كۆپ خوتۇن ئالغاننىڭ كۈنى تەس، كۆپ ئەرگە تەگكەننىڭ كۆڭلى پەس ( ماقال ).
3 . تەقسىماتتا بىرەر نەرسىگە ئېرىشمەك. 43 يىل ئىشلەپتىمەن ئاران چۇجاڭلىق تېگىپتۇ.* بۇ يىلقى تەقسىماتتا 60 كوي تەگدى.* 30 نى 5 كە بۆلسەك 6 دىن تېگىدۇ.
4 . دۇچار بولماق، ئۆتمەك. پايدىسى تەگمەك، زىيىنى تەگمەك، كېسەل تەگمەك.* ھاراق تەگدى.* بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا تېگىدۇ ( ماقال ).* ئىتنىڭ كاساپىتى يۈگۈرگەن ئىتقا تېگىدۇ، ھورۇننىڭ كاساپىتى ئىشچانغا تېگىدۇ ( ماقال ).
5 . تەسىر قىلماق. چىشىغا تەگمەك.* كۆڭلىگە تەگمەك.* جېنىغا تەگمەك.
6 . ئۇچراشماق، تېتىماق. ئېغىز تەگمەك.* ئىتنىڭ ئاغزى تەگكەنگە دەريا سۈيى بۇلغانماس ( ماقال ).* ئىشلىگەننىڭ ئاغزى ئاشقا تېگەر، ئىشلىمىگەننىڭ تاشقا تېگەر ( ماقال ).
7 . نىشانغا بېرىپ يەتمەك.ئۇنىڭ ئاتقان ئوقى زايە كەتمەي تېگىدۇ.* ئاتقان ئوقۇم دۈشمەننىڭ كاللىسىغا تېگىپتۇ.
8 . چېقىلماق، زەخمە يەتكۈزمەك. خوتۇن _ قىزلارنىڭ نۇمۇسىغا تەگمەك.* كىشىنىڭ غۇرۇرىغا، شەخسىيىتىگە تەگمەك.
9 . بېسىپ كىرمەك، ھۇجۇم قىلماق. ئۆيگە ئوغرى تەگمەك.* مالغا بۆرە تەگمەك.* شەھەرگە تەگمەك.
10 . تاپشۇرۋالماق، يەتكۈزۈلمەك. بۇ خەت ئەمەتكە تەگسۇن.* بۇ خالتا خالىدەگۈلگە تېگىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ياردەمچى پېئىل
جەريان باغلامچىسى. بەزى ئىسىملىك سۆزلەرنى پېئىللاشتۇرىدۇ.
چولا تەگمەك.* ئىس تەگمەك.* سوغۇق تەگمەك.* زۇكام تەگمەك.* قول تەگمەك.
دائىرە: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى= تەك 2.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسمى.
تېگىنى كۆرمەي سۇدىن ئۆتمە. چوڭ بېلىق سۇنىڭ تېگىدە ياشايدۇ. ئاستىدىكى ئاتنى ئالتە ئاي ئىزدەپتۇ. تاغارنى تۈۋىدە ئايىغۇچە، ئاغزىدا ئايا. چىراغ تۈۋىدى قاراڭغۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
نەرسىنىڭ تۆۋەن تەرىپى، تۈۋى.
ئۈست، ئۈستۈن، تۆپە
نەرسىنىڭ يۇقىرى تەرىپى.
بولمىغۇر گېپىڭنى كېسەكنىڭ ئاستىغا تىق. تاغ ئېگىز بولسىمۇ، كۈن بىلەن ئاينىڭ ئاستىدا. ئادەم ئۈستىدە ئاسمان بار، ئادەم ئۈستىدە ئادەم. ئاستىن ئاتۇشتىن چىقىپ، ئۈستۈن ئاتۇشقا باردۇق. ئاستىدىكىنى تالايدۇ، ئۈستىدىكىنى سىيلايدۇ. بېلىق سۇنىڭ تېگىدە ياشايدۇ. تېگى يوق يەر بولسا، ئۈستى يوق ئاسمانمۇ بار. تۆپىسى يوقنىڭ تېگىمۇ يوق.