Uyghurئاساسىي لۇغەت
تەبەق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تاۋاق، ئاياق:
قات ، قەۋەت:
1. بۇ يەڭلىغ تەبەقدە غىزالار يىدۈك،
ياراتقان خۇداغە سەنالار دىدۈك.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
2. ئەشك دۇررىن تىزغالى جىسىم ئۆزرە كۆزلەر ھىكمەتى،
گويىيا كەۋكەب ساچىلغان يەر ئۆزە يەتتى تەبەق.
ئەرشى.