—مەنبە
تىيىن
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
تىيىن - شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى پۇل بىرلىكى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى بىر تىيىن بەش پۇلغا ياكى 10 داچەنگە باراۋەر ئىدى. بۇنداق پۇل <پۇل> ۋە <قارا پۇل> دەپمۇ ئاتىلاتتى (شاۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇ خىل پۇل بىر تەڭگىنىڭ 10 دىن بىرىگە باراۋەر كېلىدىكەن)، ئوتتۇرىسىدا چاسا تۆشۈكى بار ئىدى. 30 - يىللاردا غۇلجىدا ئۈچ يارماقنىڭ قىممىتى بىر تىيىن ئىدى، كېيىن ئىككى يارماق بىر تىيىن بولغان. 20 تىيىن بىر مىسقال ھېسابلىناتتى. ھازىر بۇ پۇل بىر <سوم> نىڭ يۈزدىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ. قەدىمدە ئىدىل بۇلغارلىرىدا تىيىن تېرىسى پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، 100 دانىسى بىر سوم بولاتتى. مەرۋەزى مۇنداق دەيدۇ: <بۇلغار ئۆلكىسىگە كەلگەن كېمىلەر ۋولگا ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرىدىن بۇلغار شەھىرى قۇرۇلغان يەردىكى يەرمەنكىگە كېلىشەتتى. ھازارلار ۋە ئۇلارنىڭ شىمالىدىكى قەبىلىلەر پۇل ئورنىغا تىيىن تېرىسى ئىشلىتەتتى> ئىبنى رۇستەھ: <ئۇلار ئارىسىدا بىر تىيىن تېرىسى ئىككى يېرىم دىرھەمگە تۇرىدۇ، دۈگىلەك ئاق دىرھەملەر ئىسلام ئۆلكىلىرىدىن كېلىدۇ> دەپ يازىدۇ. رۇسلارمۇ تىيىن تېرىسىنى پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئوردىغا سوۋغا قىلغان قىممەتلىك بۇيۇملار ئارىسىدىمۇ تىيىن تېرىسى بولغان. مۇشۇلارغا ئاساسەن بەزىلەر <تىيىن> دېگەن پۇل نامى <تىيىن تېرىسى> دىن كەلگەن دەپ قارايدۇ.
مىسال
بۇ كىتابنىڭ باھاسى 20 تىيىن بولدى.
تەرجىمە: This book cost 20 tiyin.
common collocation
مەنبە
دائىرە: ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرىتوشقاننىڭ ھارۋىسى پاتقاققا پېتىپ قالغانىكەن، ئالدى پۇتلىرىنى كۆكرىكىگە قويۇپ، دەرەخ شېخىدا ئولتۇرغان تىيىن توشقانغا مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ:
- ئاشۇ يەردىن كۆتۈر... ئاۋۇ يەرنى تۇت... ماۋۇ يەرنى ئىتتەر...
توشقان ھارۋىنى پاتقاقتىن چىقىرىشقا تۇتۇش قىپتۇ، لېكىن جۇغى كىچىك بولغاچقا، كۈچى يەتمەپتۇ. ئەگەر كىرپە بۇرادەر ياردەمگە كەلمىگەن بولسا، توشقاننىڭ ھارۋىسى تاكى بۈگۈنگىچە شۇ يەردە، - پاتقاق ئىچىدە قېپقالغان بولاتتى.
كىرپە توشقاننىڭ جاپا تارتىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، بىردەم ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، ھارۋىنى مۈرىدەپ ئىتتىرىپ، پاتقاقتىن چىقىرىشىپ بېرىپتۇ.
توشقان بۇنىڭغا بەك خۇرسەن بولۇپ، كىرپىگە تەشەككۇر ئېيتىپتۇ - دە، ئۇدۇل ئۆيىگە قاراپ راۋان بوپتۇ.
تىيىن بولسا، دەرەخ بېشىدا ئاچچىقىدىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، غۇدۇراپتۇ:
- قىلغان ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان نېمە ئىكەن، كېتىۋېتىپ >خوش، ئەمىسە< دەپمۇ قويمىدىيا. مەن مەسلىھەت بەرمىگەن بولسام، ئۇ بىر نېمە ھارۋىسىنى ھەرگىزمۇ پاتقاقتىن چىقىرالمايتتى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ xx–xx لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى مەنبە دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.