Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاتۇرغان
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تېتىتىدىغان.
بۇ ئەر ئول ئاش تاتۇرغان _ بۇ (مېھمانغا) ئاش تېتىتىدىغان ئادەم. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئەردى ئاشىن تاتۇرغان
ياۋلاق ياۋلىغ قاچۇرغان
ئوغراق سۈسىن قايتارغان
باستى ئۆلۈم ئاختارۇ
{(ئۇ) ئېشىنى تېتىتىدىغان (ئادەم) ئىدى،
ياۋۇز دۈشمەننى قاچۇرغان ئىدى،
ئوغراق قوشۇنىنى قايتۇرغان ئىدى،
(ئۇنى) ئۆلۈم ئاغدۇرۇپ باستى (يىقىتتى).}
بىر كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە مەرسىيە ئوقۇپ، شۇنداق دېيىلىدۇ: ئۇ مېھمانلارغا دائىم ئاش تارتاتتى، دۈشمەنلەرنى قاچۇراتتى، ئوغراق قوشۇنىنى قەيسەرلىك بىلەن چېكىندۈرگەن ئىدى، ئەپسۇسكى، ئۆلۈم ئۇنى يەر قوينىغا ئالدى.
1 - 669