Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاتلىقياڭيۇ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر يىللىق ياكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ھوسۇلى يىلتىزىدا بولىدۇ، پوستى قىزغۇچ ياكى ئاقۇش كېلىدۇ. «تاتلىقياڭيۇ» ئەڭ ئومۇمىي.
تاتلىقياڭيۇنىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق. 100 گرام تاتلىقياڭيۇدىن 127 كالورىيە قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرىنى كۆكتات ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ. داغ چۈشكەن بولسا يېمەسلىك كېرەك، يېسىڭىز زەھەرلەپ قويىدۇ.
يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
تاتلىق ياڭيۇ »بۆلۈنۈشكە ماھىر«. سىز تاتلىق ياڭيۇ تۈپىدىن ئۇنىڭ ھەرقانداق بىر بۆلىكىنى، ياڭيۇنىڭ بىر پارچىسىنى، پېلىكىنىڭ بىر بۆلىكىنى، ھەتتا ياڭيۇ پارچىسىنى قەلەمچە قىلىپ ياكى يالپاقلاپ توغراپ ئۇنىڭغا يېتەرلىك سۇ ۋە مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا بەرسىڭىزلا ئۇ ئۆسۈپ يېڭى مايسا ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ جىنسسىز كۆپىيىش دەپ ئاتىلىدۇ.
تاتلىقياڭيۇنىڭ ئېلىمىزگە تارقىلىشى ئۇنىڭ بۆلۈنۈش ھىممىتىدىن بولغان. مىڭ سۇلالىسىدە فۇجيەننىڭ چاڭلې دېگەن جايىدا چېن جېنلۇڭ دەيدىغان تىجارەتچى بار بولۇپ، فىلىپپىندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، ئۇ شۇ جايدا ئۆستۈرۈلىدىغان تاتلىقياڭيۇنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈشكە بەل باغلىغان. بىراق، ئەينى چاغدا فىلىپپىن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغاچقا، تاتلىقياڭيۇنى سىرتقا يۆتكەش مەنئى قىلىنغانىدى. كېيىن، چېن جېنلۇڭ تاتلىقياڭيۇنىڭ بۆلۈنۈش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، تاتلىقياڭيۇ قەلەمچىسىنى مەخپىي ھالدا كېمىنىڭ ئارغامچىسىغا باغلاپ، سىرتىغا لاي سۈركەپ تەكشۈرۈشتىن ئەپچىللىك بىلەن ئۆتۈپ، دېڭىز ئارقىلىق فۇجيەنگە كېلىپ، ئۇنى ۋەتەن دىيارىدا ئۆستۈرۈپ چېچەكلەتكەن.
تاتلىقياڭيۇ خەنزۇچىدا يەنە خۇڭشۇ، بەيشۇ، دىگۇا، فەنشۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇنىڭ يوغان تۈگۈنەك يىلتىزى تەملىك، يېيىشلىك كېلىدۇ. مەھسۇلاتى يۇقىرى بولۇپ، قۇرغاقچىلىققا، مۇنبەتسىز تۇپراققا چىداملىق، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئېلىمىزدە كەڭ دائىرىدە تېرىلىدۇ.
تاتلىقياڭيۇنى ئەتىيازدىمۇ، يازدىمۇ تېرىشقا بولىدۇ. ئەتىيازدا تېرىلغىنى ئەتىيازلىق تاتلىقياڭيۇ، يازدا تېرىلغىنى يازلىق تاتلىقياڭيۇ دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر يازدا تېرىلسا مايسا ئۆستۈرۈش جەريانى قىسقارتىلىپ، بىۋاسىتە ئەتىيازلىق پېلەكتىن قەلەمچە ئېلىنىپ يەرگە تىكىلىدۇ.
ئالاھىدە ئەھمىيەتلىكى شۇكى، تاتلىقاڭيۇ تۈگۈنەك يىلتىزىنىڭ روشەن پىشىش مەزگىلى بولمايدۇ، مۇۋاپىق تېمپېراتۇرا بولسىلا ئۈزلۈكسىز ئۆسىدۇ، شۇڭا ئۆسۈش مەزگىلى ئۇزارغانسېرى مەھسۇلاتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنى تېرىش ۋە يىغىۋېلىشنىڭمۇ ئىنچىكە پەسىل تەلىپى يوق، قۇر ئارىسىغا تېرىشقا، كىرىشتۈرۈپ تېرىشقا باب كېلىدۇ. پەسىل تاللاپ ئەمگەك كۈچلىرىنى تەڭشەشكە پايدىلىق.
تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە كراخمال، شېكەر ۋە ۋىتامىن مول بولۇپ، ئاقسىلنىڭ مىقدارىمۇ بىرقەدەر كۆپ. ئادەتتە دانلىق زىرائەتلەردە بولمايدىغان ئاسكوربىك كىسلاتا يېڭى تاتلىقياڭيۇ تەركىبىدە ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. ئۇ كراخمال، ئىسپىرت، ئاتسېتون، گلۇكوزا قاتارلىقلارنى ئىشلەيدىغان مۇھىم سانائەت خام ماتېرىيالى بولۇپلا قالماستىن، تۇرمۇشىمىز بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇسسۇلۇق گاز سۈيىدىكى لىمون كىسلاتاسى، تاماق تەمىنى تەڭشەشتىكى ھاراق ۋە تېتىتقۇ، ھەتتا رەڭلىك سىنئالغۇ لېنتىسى ئىشلەشتىمۇ تاتلىقياڭيۇنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسى بار!
بىئولوگىيە
يۆگەي ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، پېلەكلىك ئۆسۈملۈك. سۈتى بولىدۇ، تۈگۈنەك يىلتىزى ئاق، قىزىل ياكى سېرىق بولىدۇ. غولى يەر باغىرلاپ ئۆسىدۇ ۋە تۇراقسىز يىلتىز ھاسىل قىلىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالقىنى كەڭ، تۇخۇم شەكىللىك ياكى يۈرەكسىمان تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ، گىرۋىكى تولۇق ياكى چوڭقۇر يېرىلىدۇ. گۈلى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭ ياكى ئاق بولىدۇ، قولتۇقتىن ئۆسكەن مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ، بەزىدە يالغۇز ئۆسىدۇ؛ گۈل كاسىسى بەشكە چوڭقۇر يېرىلىدۇ. يېرىقچە ياپراقچىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولمايدۇ؛ گۈلتاجىسى قوڭغۇراقسىمان ۋارونكا شەكلىدە بولۇپ، ئۇچىدا ئېچىلمايدىغان بەش يېرىقچە ياپراقچىسى بولىدۇ. غوزا مېۋىسى ئادەتتە ئاز ئۇچرايدۇ. ئەسلى ماكانى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئىسسىق بەلباغ بولۇپ، جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. تۇپرىقى ئۈنۈمسىز يەرلەرگە ماسلىشالايدۇ. تۈگۈنەك يىلتىزى تەركىبىدە زور مىقداردا كراخمال بولۇپ، مۇھىم ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، تۈگۈنەك يىلتىزى ئىستېمال قىلىنىدۇ ياكى كراخمال، ئىسپىرت ياسىلىدۇ؛ غول ۋە يوپۇرمىقىنى يەم - خەشەك قىلىشقىمۇ، دورا قىلىشقىمۇ بولىدۇ، تەرلىتىپ قورغاقلىقنى نەمدەيدۇ، غەلۋىرەكنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرىدۇ. تۈگۈنەك يىلتىزى ۋە غولى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تاتلىق - ياڭيۇ
ئىسىم
بوتانىكا
يۆگەي ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئىستېمال قىلىشتىن باشقا ئۇنىڭدىن يەنە قەنت ئېلىشقا ۋە ئىسپىرت ئىشلەشكە بولىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى