Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاشقى سەزگۈ
پسىخولوگىيە
تاشقى سەزگۈ كۆرۈش سەزگۈسى، ئاڭلاش سەزگۈسى، پۇراش (ھىد)سەزگۈسى ، تەم سەزگۈسى ۋە تىرە سەزگۈلىرىدىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ رېتىسېپتورلىرى كۆز (تور پەردە)، قۇلاق (كورتىيېۋ ئورگان)، بۇرۇن (پۇراش ھۈجەيرىسى)، تىل (تەم بۇردرى)، تېرە (تېرە ئۈستىدىكى تېگىشنى سېزىش نوقتىسى، سوغوقنى سېزىش نوقتىسى، ئىسسىقنى سېزىش نوقتىسى، ئاغرىشنى سېزىش نوقتىسى) قاتارلىقلار بولۇپ، بەدەننىڭ سىرتقى تەرىپىگە جايلاشقان. ئۇلار بەدەن سىرتىدىن بولغان تەسىرنى قوبۇل قىلىشى بىلەن ماس ھالدىكى سەزگۈ ھاسىل بولىدۇ. شۇڭا بۇ خىل سەزگۈ تاشقى سەزگۈ دەپ ئاتالغان.
تاشقى سەزگۈ ئوبيېكتىپ دۇنيا (تاشقى مۇھىت) دىن ئېلىنغان ئۇچۇر بولۇپ، ئادەم مېڭسىنىڭ تاشقى ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ ئايرىم خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەكىس ئېتىشى، ئۇ سوبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.