Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاشقىرىدىن قوزغىتىلغان مۇددىئا رولى
پسىخولوگىيە
ئوقوغۇچىنىڭ ئۆگىنىش مۇددىئاسى ئوقوغۇچىنىڭ تاشقى تەرىپىدىكىلەر يەنى ئاتا - ئانىلار ياكى ئوقوغۇچىلار تەرىپىدىن قويۇلغان بولۇپ، ئۆگىنىش پائالىيىتى مۇشۇ خىلدىكى مۇددىئانى قانائەتلەندۇرۇش ئۈچۈنلا بولغان مۇددىئانىڭ رولىدىن ئىبارەت. مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش تاشقى تەرەپتىن بولغان مۇددىئا رولىنڭ تىپى. مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاش ئۈنۈمىدە ئوقوغۇچىنىڭ يېشى، خاراكتېرى، ئۆگىنىش قابىلىيىتى مۇكاپاتلانغۇچى ۋە جازالانغۇچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ئازراق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقتىن، ئەمەلىي ئوقوتۇش جەريانىدا بۇ ئامىللارنى تولۇق ھېسابقا ئېلىش كېرەك. ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ تۇرۇلۇشىمۇ، تاشقى مۇددىئا رولىنىڭ تەتبىق قىلىنشىدۇر.مۇنداق قىلىش ئۆگەنگۈچىنىڭ تەلەپ ئۆلچىمىگە ئەگىشىپ غەلىبە ھېسىياتى ياكى مەغلۇبىيەت ھېسىياتى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېيىنكى قەدەمدىكى ئۆگىنىش مۇددىئاسىنىڭ رولى كۈچلىنىدۇ ياكى تۆۋەنلەيدۇ. ئۆگەنگۈچىلەر ئارا مۇسابىقىنى قانات يايدۇرۇشمۇ بىر خىل تاشقى مۇددىئا رولى بولىدۇ. (ئادەتتە بۇ تەشەببۇس قىلىنمايدۇ).