Uyghurئاساسىي لۇغەت
تاش
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . سۇدا ئېرىمەيدىغان قاتتىق جىسىم.
چىنتاش، تاشچى، تاشچىلىق. * تاشلىق يەر. * تاش دەۋرى. * تاش پۈتۈك. * تاش قورال. * تاش ئۆستەڭ. * تاش مەتبەئە. * كىچىككىنە تاش، يارىدۇ باش (ماقال). * بىر تاغار ياڭاقنىڭ ياڭاقچىلىق تاش چاقىدۇ (ماقال). * يېرىڭ تاز بولسىمۇ، ئېچىڭ باش بولسۇن (ماقال). * تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولماس (ماقال). * تاش چۈشكەن يېرىدە ئەزىز (ماقال). * قۇلۇڭدا تاش، تاش ئۈستىدە يىلان، ئۇر، قاتۇرما باش. * تاشنى سىقىپ سۈيىنى ئىچىدىغان (مەتەل).
2 . تۈگمەننىڭ ئۈگۈتنى ئېزىپ ئۇن قىلىدىغان سايمىنى. تۈگمەن تېشى مەن بولسام، چېقىلدۇرقى سەن بولدۇڭ (ماقال).
3 . جىڭ ۋە گىرلارنىڭ قادىقى. ئابدالغا كەپسەن بەرسەڭ، تېشىڭ توغرىمۇ دەيدۇ (ماقال).
4 . سائەتنىڭ يىڭنىسىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان سايمىنى. 17 تاشلىق سائەت.
5 . ئادەم بەدىنىنىڭ ئۆت، جىگەرلىرىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان قېتىشما. تۇرسۇننىڭ ئۆتىدە تاش بار ئىكەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . سىرت. ئانتونىمى: ئىچ.
تاشقى، تاشقىرى، تاشقىرىقى. * تاشلىق. * تاش كۆڭلەك. * تاش مايماق. * تاش ئات، تاش كامېر، تاش گۆر. * تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال (ماقال). * ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە، ئىچىدە كۆي (ماقال). * ئادەمنىڭ تېشىغا قارىما، ئىچىگە قارا (ماقال).
2 . نەرسىنىڭ ئۈستىنى ئوراپ، قاپلاپ تۇرغان قىسمى، تاشقى تەرىپى. يوتقان تېشى، كىتاب تېشى. * تاشسىز جۇۋا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز.
قەدىمكى ئۆلچەم بىرلىكى.
تۆت تاش سۇ. * تۆت تاش تۈگمەن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
تاشماق، تېشىش. قىرغاقتىن، گىرۋەكتىن ئېشىپ چىقماق.
تاشقىن. * سۇ تاشماق. * بىز تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز. * دەريا تاشسا ئۆردەككە نېمە غەم (ماقال). * چۆگۈن تاشسا ئۆز بوينىغا تاشىدۇ (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
تاش.
سەككىز چاقىرىم ئۇزۇنلۇقتىكى مۇساپە.
تاشقىرى، تاشقى:
تاۋۇشكىم ئۆي تاشىدىن كەلسە دەرمەن: باغرى تاشىمدۇر،
ئىشىكىدىن سايە كىرگەچ ساغىنۇرمەنكىم، قۇياشىمدۇر.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ھەمرا، ئىشداش؛ سۆز ياسىغۇچى ئارقا قوشۇمچە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«ئىچ» كە نىسبەتەن.
تېشى يىپەك، ئىچى كېسەك. تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال. ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە، ئىچىدە كۆي. سىرتىغا قارىما، ئىچىگە قارا. ھېسابنىڭ سىرتىدا ئىش يوق، كالپۇكنىڭ سىرتىدا چىش يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىتاب - ژورناللارنىڭ تېشىنى قاپلاپ تۇرىدىغان بېتى.
«شىراز» ھازىر ئىشلىتىلمەيدۇ.
كىتابنىڭ تېشى كىتابنىڭ زىننىتى. كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا قارىما، مەزمۇنىغا قارا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قەھرىمانلىق قىسسىسى تاشقا ئويۇپ تىكلەنگەن ۋە ئومۇمەن قەدىمدىن قالغان تارىخىي يادىكارلىق.
ئورخۇن يادىكارلىقلىرىدىن كولىتېكىن مەڭگۈ تېشى 1889 - يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ كوكشىن ئورخۇن ۋادىسىدىكى خوشۇت - سايدامدىن تېپىلغان. بىلگە خاقان مەڭگۈ تېشى كولتېكىن مەڭگۈ تېشى تېپىلغان يەردىن شۇ ۋاقىتتا تېپىلغان. تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى 1891 - يىلى ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ پايتەختى ئۇلانباتۇردىن 60 كىلومېتر يىراقلىقتىكى بايىن چوكتو دېگەن يەردىن تېپىلغان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوڭ يۈزى، سىرتقى تەرەپ. قولنىڭ تېشى، دەپتەرنىڭ تېشى
ئىچ
تەتۈر يۈزى، ئىچكى تەرەپ. قولنىڭ ئىچى، دەپتەرنىڭ ئىچى
تېشى پالپال، ئىچى غالغال. تېشى يىپەك، ئىچى كېپەك. ئىچى توشمىسا تېشىغا چىقماس. يىلاننىڭ تېشى سىلىق، ئىچى زەھەر. ئادەمنىڭ تېشىغا قارىما، ئىچىگە قارا. ئوتنىڭ تېشىدا كۆيگۈچە، ئىچىدە كۆي. قول ئىچىگە ئېگىلىدۇ. ھېسابنىڭ سىرتىدا ئىش يوق، كالپۇكنىڭ سىرتىدا چىش. باشنىڭ ئىچىمۇ قاتتى، تېشىمۇ قاتتى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاش.
3 - 207
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تاش، سىرت.
تاش تون _ تاش تون، سىرتقا كىيىلىدىغان تون. تاش يېر _ كەڭ بوشلۇق، يېزىق؛ ياقا يۇرت.
3 - 207
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ بەزىلەر تەرىپىدىن چاقچۇق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئىككى جۈپ ياپىلاق ئېللىپىسسىمان تاشتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەر بىر قولدا بىر جۈپتىن تۇتۇپ، بارماقلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر - بىرىگە سوقۇپ، تاۋۇش چىقىرىش ئارقىلىق مۇزىكا ئۇدارلىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ، خىلمۇ خىل رىتىملاردا چېلىنىدۇ. ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا تاش ئىشلىتىشمۇ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمكى ئۇسلۇبلارنىڭ بىرىدۇر. ئېللىپىسىمان تاشنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 5.1 سانتىمېتىر، ئۇزۇن دېئامېتىرى 10 سانتىمېتىر، قسىقا دېئامېتىرى 6 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
تاش چالغاندا ئۇنىڭ بىرى ئالىقانغا قويۇلىدۇ، يەنە بىرى بارماقلار ئارقىلىق ئالىقاننىڭ ئۇچى تەرىپىگە يېرىم قىستۇرۇلۇپ، بىر - بىرىگە يېنىڭ سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ناھايىتى سۈزۈك، يېقىملىق بولغان رىتىم ئاۋازلىرى چىقىرىلىپ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قەدىمدە ئۇيغۇرلار <تاش> دېگەن ئۇزۇنلۇق ئۆلچەم بىرلىكىنمۇ قوللانغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى زامانلاردا يول مۇساپىسىنى بەلگىلەش ئۈچۈن يول بويلىرىغا تاش بەلگە قويۇلاتتى ۋە ئۈستىگە مۇساپە سانى يېزىلاتتى. ھەر بىر بەلگىنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن سەككىز چاقىرىم كېلەتتى. ئۆزبېكىستاندا نەشر قىلىنغان <پەن ۋە تۇرمۇش> ژۇرنىلىدا بىر تاش 8.5 كىلومېترغا تەڭ دەپ كۆرسىتىلگەن. بەزى ماتېرىياللاردا يەنە بىر تاش 18 چاقىرىم، يەنى 12 مىڭ قەدەم دەپ كۆرسىتىلگەن. <قەشقەرىيە> دېگەن كىتابتا يېزىلىشىچە تاشنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12 مىڭ چامدام ئىكەن، شۇ كىتاب ئاپتورى كروپاتكىنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 7 - 9 روسىيە چاقىرىمغا تەڭ ئىكەن. خەلقئارا ئۆلچەم سىستېمىسىغا سۇندۇرغاندا 7.3 - 9.4 كىلومېتر ئارىلىقىدا بولۇپ، تەخمىنەن سەككىز كىلومېتر ئەتراپىدا ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئايرىم - ئايرىم ھالدا ياكى بىر پۈتۈن ئۇيۇل ھالەتتە ئۇچرايدىغان، سۇ كار قىلمايدىغان قاتتىق تاغ جىنسلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى.
تاشنى سوقسا قۇم بولۇر، تۆمۈرنى سوقسا قىل بولۇر (ماقال).
كېسەللىك سەۋەبىدىن ئادەم ئورگانىزمىدا ھاسىل بولىدىغان قاتتىق ماددا؛ قېتىشما.
ئۇنىڭ ئۆتىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، بىرمۇنچە تاشنى ئېلىۋەتتى.
جىڭ، گىرگە ئوخشاش سايمانلارنىڭ ھەرخىل شەكىل ۋە ھەرخىل چوڭلۇقتىكى قادىقى.
جىڭ تېشى، تارازا تېشى.
سائەت مېخانىزملىرىنى تارتىش كۈچى ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرىدىغان ئېغىرتقۇ.
سائەت تېشى
كۆچمە. قاتتىق، مېھىر - شەپقىتى يوق.
تاش يۈرەك ئادەم، باغرى تاش ئاتا.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىچىگە ئىچكىرسىگە نىسبەتەن سىرت؛ تالا.
ئايخان ئوردىنىڭ تېشىدا ئېرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ دېرىزە تۈۋىگە كەپتۇ - دە، ئېرىنى كۆرۈش بىلەن خۇشاللىقى ئىچ - ئىچەە سىغماي كېتىپتۇ.
بىرەر نەرسىنىڭ ئۈستىنى ئوراپ تۇرغان قىسمى، تاشقى تەرىپى.
يوتقان تېشى. كىتابنىڭ تېشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
تاش؛ مەھكەم؛ بەردەم كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
تاشئاخۇن، تاشباي
مەدەن ئىسمى (بۇ يەردە ئوغلىنىڭ تاشتەك چىداملىق بولۇشى ۋە ئۇۇزن ئۆمۈر كۆرۈشى ئۈمىد قىلىنغان)
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
تاش؛ مەھكەم؛ تاشتەك بەردەم ۋە كۈچلۈك كىشى.