Uyghurئاساسىي لۇغەت
تارتىشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تارتماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
كۆچمە. بىرەر كىشى ياكى بىرەر مەقسەتتىن ئۈمىد ئۈزەلمەي قالماق.
ئۇلار ئېھتىمال بالا - چاقىلىرىغا تارتىشقان بولسا كېرەك.
بەس - مۇنازىرە قىلىشماق؛ تالاشماق.
ئۇلار بىر كۈنلۈك مۇنازىرىدە ئۇياققا تارتىشىپ، بۇياققا تارتىشىپ، ئاخىر بىر يەرگە كەلدى.
قورۇلۇپ يىغىلماق، قىسقىراپ، كىرىشىپ كەتمەك.
ئادىلنىڭ غەزەپتىن ياڭاق سۆڭىكى تومپىيىپ، مەڭزىدىكى مۇسكۇللار تارتىشىپ كەتكەنىدى.