Uyghurئاساسىي لۇغەت
تارتىشدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تارتىشتى، سوزۇشتى.
ئول ماڭا ئۇرۇق تارتىشتى _ ئۇ ماڭا ئارغامچا تارتىشتى. تارتىشدى نەڭ _ نەرسە تارتىشتى، يەنى نەرسىنىڭ بۆلەكلىرى بىر - بىرىنى تارتىشتى. ئول مەنىڭ بىرلە يا تارتىشدى _ ئۇ مېنىڭ بىلەن (بەسلىشىپ) يا تارتىشتى. ئول ماڭا ئالتۇن تارتىشدى _ ئۇ ماڭا ئالتۇن تارتىشىپ بەردى. ھەرقانداق بىر نەرسىنى (تارازىدا) تارتىشقىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ ( تارتىشۇر _ تارتىشماق).
2 - 293