Uyghurئاساسىي لۇغەت
تانتال
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان ئەپسانلىرىدىكى سىپىيلا (كىچىك ئاسيادىكى لىدىيە چېگرىسى ئىچىدە) تاغلىق دۆلىتىنىڭ پادىشاھى. باش خۇدا زېۋېىسىنىڭ ئوغلى. بايلىقى ھەددى - ھېسابسىز، ھاكاۋۇر ۋە ئابرويپەرس ئىكەن. ئۇ تەڭرىلەرنىڭ ھەممە ئىشلارنى بىلىدىغان ياكى بىلىمەيدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، ئوغلى فېلوپنى ئۆلتۈرۈپ تەڭرىلەرگە زىياپەت بېرىپتۇ. تەڭرىلەر غەزەپلىنىپ، ئۇنى جازالاش نىيىتىگە كەپتۇ. ئۇنى چوڭقۇرلۇقى كۆكرىكىگىچە كېلىدىغان كۆل ئىچىگە بەند قىلىپ قويۇپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدىكى (ياكى بېشى تەرىپىدىن دەرەختە غۇجمەك - غۇجمەك مېۋىلەر ساڭگىلاپ تۇرىدىكەن، لېكىن ئۇ ئۇسساپ چاڭقاپ كەتكەندىمۇ سۇ ئىچەلمەيدىكەن، ئېچىرقاپ كەتكەندىمۇ مېۋە يېيەلمەيدىكەن؛ ئېڭىشىپ سۇ ئىچەي دېسە سۇ دەرھال پەسلەپ كېتىدىكەن، مېۋىلەرگە قولىنى ئۇزارتسا شاخلار ئېگىزلەپ كېتىدىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ بېشى ئۈستىگە يوغان بىر تاش ساڭگىلىتىپ قويۇلغان بولۇپ، ھەر دائىم ۋەھىمە ئىچىدە تۇرىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە، گرېكچە
خىمىيە
مېتال ئېلېمېنت. بەلگىسى tantalum)Ta.( كۈمۈش رەڭدە بولىدۇ، ئۇلتىرا ئېلېكتر ئۆتكۈزۈشچانلىققا )℃268.8 - تا( ۋە سوزۇلۇشچانلىققا ئىگە. تانتالنىڭ ئادەم تېنىدىكى توقۇلمىلارغا نىسبەتەن قوزغىتىش تەسىرى يوق، شۇڭا مېدىتسىنادا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، نېپىز ياپراق ياكى ئىنچىكە يىپ ئىشلىنىپ، بۇزۇلغان توقۇلمىلار يامىلىدۇ.