Uyghurئاساسىي لۇغەت
تان
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تانماق، تېنىش. جانلىقلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەسلى ھالىدىن ناچارلىشىپ، باشقىچە تۈس ئېلىپ قالماق.
پىت ئەسلىدە قاناتلىق ئىدى، تېنىپ قاناتسىز بولغان.* بىزدە قوغۇن، قاپاق ۋە مېۋە _ چېۋەلەردە تېنىش بار. جۇغىمۇ، تەمىمۇ بۇزۇلغانلار بار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
تانماق، تېنىش. قىلغان سۆز _ ھەرىكەتلىرى، قىلمىش _ گۇناھلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ قىلغان ئىقرارىدىن يېنىۋالماق.
ئۇ تېخى تۈنۈگۈن قىلغان سۆزىدىن تېنىۋالدى.* ئەخمەت ئىقراردىن تېنىۋالدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھاۋانىڭ يەر ئۈستىدىكى ھەرىكىتى. دەرىجە پەرقى بار.
«بوران» 7 - 8 بالدىن يۇقىرى شامال.
«يەل»، «سەلكىن» ئىللىق، يېنىك شامال.
شامال چىقمىسا، دەرەخ لىڭشىمايدۇ. تۆگىنى شامال ئۇچۇرسا، ئۆچكىنى ئاسماندا كۆر. يەل يەرنى قۇرۇتىدۇ. يەل چىققاندا يەپ يات. قارا مۈشۈك قارىغانغا بوران چىقمايدۇ. ئايرىلغاننى قار باسار، بۆلۈنگەننى بوران. ئارپا - بۇغداي سامانىنى سەلكىن ئايرىيدۇ، ئاتا - ئانا، قېرىنداشتىن ئۆلۈم ئايرىيدۇ. سەلكىن شامال توپلانسا، تەيفېڭ بورىنى بولار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سەلكىن.
ئەتىگەن، ئاخشامدا چىقىدىغان سالقىن شامال.
3 - 214
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
لەقەم؛ خاس ئىسىم