Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېۋاستوپول قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
塞瓦斯托波尔起义
sāi wǎ sī tuō bō ěr qǐ yì
روسىيەنىڭ 1905 - يىلدىكى ئىنقىلابى مەزگىلىدەقارا دېڭىز فلوتىدىكى ماتروسلارنىڭ قوزغىلىڭى. 1905 - يىلى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، بولشېۋىكلارنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن، سېۋاستوپول (قارا دېڭىز فلوتىبازىسى)دىكى 12 ھەربىي پاراخوتنىڭ ماتروسلىرى قورولدىكى ئەسكەرلەر ۋە پورت ئىشچىلىرى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە قارشى بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ماتروسلار، ئەسكەرلەر ۋەئىشچىلار ۋەكىللىرى سوۋېتنى قۇرغان ھەمدە ھەربىر ھەربىي پاراخوتتا كومىتېت قۇرغان؛ جۇمھۇرىيەت قۇرۇش، سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش مۇددىتىنى قىسقارتىش قاتارلىق سىياسىي تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويغان. بىر تۇتاش رەھبەرلىك ۋە ئوچۇق ھەرىكەت پىلانى بولمىغاچقا، قوزغىلاڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. قوزغىلاڭنىڭرەھبىرى شمىد (1867 - 1906)قاتارلىق كىشىلەر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بىرقانچە يۈز كىشى سۈرگۈن قىلىنغان ۋە ئېغىر ئىشقا سېلىنغان.