Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سېۋاستوپول مۇداپىئە ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى塞瓦斯托波尔保卫
sāi wǎ sī tuō bō ěr bǎo wèi
قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيەنىڭ سېۋاستوپولدىكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە، تۈركىيە ۋە ساردىنىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قارشى ئېلىپ بارغان جەڭ. 1854 - يىل 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بىرلەشمە ئارمىيە قۇرۇقلۇقتىن قورشىۋلغان. روسىيە ئارمىيىسى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى كورىنكوۋ ۋە ناسموۋنىڭ رەھبەرلىكىدە پاراخوتنى چۆكتۈرۈپ دېڭىز ئاغزىنى قامال قىلىپ، قۇرغان ئاكوپلارنى ياساپ، ئۆز پوزىتسىيىسىنى مەھكەم ساقلاپ تۇرغان. 1855 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، بىرلەشمە ئارمىيە قورولنى ئالغان. روسىيە قوشۇنىدىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلار 100 مىڭدىن كۆپرەككە يەتكەن. بىرلەشمە ئارمىيىدىن 71 مىڭ كىشى چىقىم بولغان. بۇ قېتىمقى جەڭ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ قىرىم ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيىتىنى بەلگىلىگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.