Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇ ئۈستى بىنارلىقى
دۇنيا تارىخى
بۇ كۆل ئۈستىدىكى ئولتۇراق جاي دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆل بويىدىكى پەس، نەم جايغا ياغاچنى تۈۋرۈك قىلغاندىن كېيىن سېلىنغان ئۆي. 1853 - 1854 - يىلىدىكى قاتتىق قۇرغاقچىلىققا شۋېتسارىيىنىڭ سىيورېخ كۆلى تەكتىدىن تېپىلغان كۆل ئاھالىسىنىڭ خارابىسى ئەڭ مەشھۇر بولۇپ،ياۋرۇپا يېڭى تاش قورال دەۋرى مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن. كېيىن شۋېتسارىيىدىكى كۆل - سازلىقنى مەركەز قىلغان كەڭ رايوندىن، جۈملىدىن دۇناي دەرياسى ۋە رېين دەرياسى رايونلىرىدىنمۇ بايقالغان. بۇ خىل قۇرۇلۇش تاكى برونزا دەۋرىگە قەدەر ئىشلىتىلگەن.