Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇ ئېقىنىغا ئەگىشىپ ياشىغۇچى ھايۋانلار
بىئولوگىيە
سۇ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىدىكى تەن شەكلى كىچىك (ئادەتتە مىكروسكوپ ئاستىدىلا ئېنىق پەرقلەندۈرۈشكە بولىدىغان)، ئۈزۈش ئىقتىدارى ئاجىز ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ تۈرلىرى مۇرەككەپ، مورفولوگىيىسى خىلمۇ خىل بولۇپ، بىر ھۈجەيرىلىك ھايۋانلاردىن ئاميوبا، تۆشۈكلۈك قۇرتلار، كىرپىك تۈكلۈك قۇرتلار، قىلئاياغلىق قۇرتلار شۇنىڭدەك كۆپ ھۈجەيرىلىك ھايۋانلار ئىچىدىكى چاقلىق قۇرت، شاخلانغان ئانتېننىلىقلار، ياماشقۇچى پۇتلۇقلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار بەزى دېڭىز بېلىقلىرى ۋە تاتلىق سۇ بېلىقلىرىنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇلار سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقىدا بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە.