Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇنۇق
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سىنىپلار، بۆلۈملەر، بۆلمىلەر (بىرلىكى<سىنىق>).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چېقىلغان، سۇنغان.
چېقىق ئەينەك كارغا كەلمەس. سۇنۇق ساقتىن كۈلۈپتۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۇزۇلغان، سۇنغان.
ساق ، پۈتۈن
بۇزۇلمىغان.
ساق تۇخۇمغا چىۋىن قونماس. خوتۇنى ياماننىڭ قازىنى سۇنۇق، ئېرى ياماننىڭ پىچىقى پۇچۇق. بۇزۇق ئوقيا ئاتقاننىڭ ئۆزىمۇ قورقار، ئالدىدىكى ئاەممۇ قورقار. نېنى پۈتۈننىڭ تېنى پۈتۈن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇنغان، چېقىلغان، بىرەر يېرى پۇچۇلغان.
سۇنۇق ئوقيادىن ئاتقان ئادەم قوقار، ئالدىدا تۇرغان ئادەممۇ قورقار. دوستۇڭغا سۇنۇق چىنىدە چاي بەرمە، كۆڭلى سۇنمىسۇن. چېقىق چىنە چېقىق پېتى قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. سۇنغان، بىرەر يېرى ئۇچۇپ كەتكەن، دەز كەتكەن ياكى سۇنۇپ ئىشتىن چىققان؛ كېرەكسىز.
سۇنۇق پىيالە.
سۈپ. سۇنۇپ پارچىلانغان نەرسىلەرنىڭ ھەربىر بۆلىكى، پارچىسى.
ئۇكام بىر كۈنى لاتىدىن پۇل خالتىسى تىكىپتۇ. ئۇنىڭغا سۇنۇق چىنە، ساپاللارنى تولدۇرۇپ بەلۋېغىغا ئېسىپتۇ.
ئى <تېب> زەخىملىنىش ياكى توقۇلمىلىرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى تۈپەيلىدىن سۇنغان، پارچىلانغان ياكى يېرىلغان سۆڭەك.
سۇنۇقنى تاڭماق.
سۈپ <مات> بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ يۆنىلىشنى ئۆزگەرتكەن.
سۇنۇق سىزىق.
سۈپ. كۆچمە. روھسىز، نۇرسىز، سولغۇن، مەيۈس، غەمكىن.
رەڭگى سۇنۇق.
سۈپ. كۆچمە. ئازاب چەككەن، ئازار يېگەن، دەرد تارتقان، غەم باسقان؛ پەرىشان.
سۇنۇق كۆڭۈل.