Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇنمان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوشتۇلماق، پارچىلىنىپ بۆلەكلەرگە ئاجرىماق، پارچىلانماق.
چىنە سۇنماق.
<فىز> نۇر، ئاۋاز دولقۇنى قاتارلىقلار ئىككى خىل ماددىنىڭ تېگىشىش يۈزىدە تارقىلىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىككىنچى خىل ماددا ئىچىگە كىرمەك.
كۆچمە. خاراب، خانىۋەيران بولماق.
ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى سۇنۇشى قانۇنىيەتلىك ھالدا ھەر ئون يىلدا بىر قېتىم تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ.
كۆچمە. ئابرۇيى تۆۋەنلىمەك، ئېتىبارىنى يوقاتماق.
غۇرۇرلۇق يىگىت بىر قىزنىڭ چوڭچىلىقى ئالدىدا ھەرگىز سۇنماسلىقى كېرەك.
بىرەر كېلىشمەسلىك ياكى زەربە تۈپەيلىدىن ئازار يېمەك، رەنجىمەك، مەيۈسلنەمەك.
كۆڭلى سۇنماق.
كۆچمە. ئەسلىي ھالىتىنى يوقاتماق، سارغايماق، مەيۈس، غەمكىن ھالەتنى ئىپادىلىمەك (چىراي ھەققىدە).
چىرايى سۇنماق.
كۆچمە. دەسلەپكى شىددىتى، كۈچى يوقالماق، پەس كويغا چۈشمەك، ئاجىزلىماق؛ ئۆچمەك.
گۈل ۋە ياپراقنىڭ توزۇشى مۇمكىن، لېكىن توزۇماس كۆڭۈل بېغىمىز. ئارزۇلار پاكدۇر سۇنمايدۇن تىلەك، سۇنماس ئىرادە، ئىشەنچ تېغىمىز.
كۆچمە. بۇزۇلماق، پاكىزلىقىنى يوقاتماق؛
تەرىتى سۇنماق.