Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇلتان ئوبۇل ئەلا ئىبراھىم
دائىرە: ئۇيغۇر مەشھۇر شەخسلىرىسۇلتان ئوبۇل ئەلا ئىبراھىم 1818 - يىللىرى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ بالىلىقىدىن كەم سۆز، تەدبىرلىك، زېرەك بولۇپ يېتىلگەن. ئۇنىڭ يىگىتلىك دەۋرى ئوۋچىلىق بىلەن ئۆتكەن. تەڭتۇشلىرى ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنگەن باتۇر ئىدى. 1864 - يىلىدىكى قوزغىلاڭغا ئۆز ئىختىيارىيلىقى بىلەن قاتناشقان. ئۇ ئاددىي ئەسكەرلىكتىن خىزمەت كۆرسىتىپ، مەرەمزات سۇلتاننىڭ لەشكەر بېشى بولغان. ئۇ، شۇ چاغدا 40 ياشتا ئىدى.
سۇلتان ئوبۇل ئەلاخان 1871 - يىلى ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن چارروسىيە قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنىپ ئالما - ئاتاغا ھەيدەپ كېتىلىدۇ ۋە سۇلتان قورغان دېگەن يەردە نەزەربەنت قىلىنىدۇ.
سۇلتان ئوبۇل ئەلاخان سۇلتان قورغاندا تاكى 1880 - يىلىغىچە ھايات كەچۈرۈپ، كېيىن غۇلجىغا قايتىپ قازانچى مەھەللىسىگە ئورۇنلىشىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ 62 ياشتا ئىدى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.