Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇلتان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۇلتان، شاھ، ھۆكۈمران:
ئاتا جانىبى خانۇ ىاقان ئېرۇر،
ئانا سارىدىن قۇرب سۇلتان ئېرۇر.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
پادىشاھ، ھۆكۈمدار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خانلىق _ پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەردە ھاكىممۇتلەق ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى.
ئالدىنقى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ھون، تۈرك، ئۇيغۇر ھۈكۈمرانلىرىنىڭ ئاتىلىشى؛ ئىككىنچى چېكىت پەشنىڭ ئالدىدىكىلىرى ئىسلام ئەللىرىدىكى ھۆكۈمرۈنلارنىڭ ئاتىلىشى؛ ئۈچىنچى چېكى
خان _ قوزۇق، پۇقرا _ ئوزۇق. ئۆردەك يوق كۆلدە لايخورەك خان بوپتۇ. بەگ بىلەن ئېلىشما، دەرەخ بىلەن چېلىشما. بېگىڭگە يەتكۈچە، بېلىڭنى ئوشاتاي. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. بالا بۆشۈكىدىن يىقىلغۇچە، شاھ تەخىتتىن غۇلىسۇن. ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغۇچە، ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول.
قەدىمكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ئاتىلىشى
«سۇلتان» ئەرەب تىلىدىن كەلگەن بولۇپ، ئەڭ دەسلەپتە «كۈچ» ۋە «نوپۇز» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرەتتى. ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، «سۇلتان» دۆلەت ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان.
بۇ نامنى ئەڭ دەسلەپتە قوللانغىنى ئافغانىستاندىكى غەزنەۋىيلەر سۇلالىسى (977 −1186 ) پادىشاھى ھەمىر قوللانغان. كېيىن ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى بۇ ئەمەلنى داۋاملىق ئىمپېرىيە دائىرىسىدىكى يەرلىك خانلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بەرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن سۇلتان مۇسۇلمان دۆلىتى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ نامى قىلىنغان.13 - ئەسىردىن كېيىن ئوسمان ئىمپېرىيىسى كىچىك ئاسىيادا باش كۆتۈردى، كىشىلەر بۇ دۆلەتنى گەرچە «ئىمپېرىيە» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تارىختىكى پادىشاھلىرى «پادىشاھ» دەپ ئاتالماي، «سۇلتان» دەپ ئاتالغان. يېقىنقى دەۋرلەرگە كەلگەندە، سۇلتان دېگەن سۆزنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى، ئادەتتىكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ پادىشاھلىرىمۇ بۇ نامنى قوللىنىدىغان بولدى.
دۇنيا تارىخى
ئەرەبچە - <نوپۇزلۇق، ئابرۇيلۇق ئادەم> مەنىسىدە. مىلادى Ⅸ ئەسىردە،ئابباسىيلار خاندانلىقىدىكى تۈرك ئوردا نۆۋكەرلىرىنىڭ باشلىقلىرى بۇ ئۇنۋاننى قوللانغان. ئېيتىلىشىچە غەزنەۋىيلەر خانلىقىدىكى مەھمۇد (998 - 1030 - يىللىرى تەختتە بولغان) ئەڭ دەسلەپ سۇلتان دەپ نام ئالغان ھۆكۈمران ئىكەن. 1055 - يىلى سەلجۇق تۈركلىرىنىڭ كاتتىبېشى توغرۇلبېك باغدادقا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئابباسىيلار خاندانلىقىنىڭ خەلىپىسىنى ئۆزىگە سۇلتان ئۇنۋانىنى بېرىشكە مەجبور قىلغان. كېيىن نۇرغۇن ئىسلام دۆلىتى ھۆكۈمرانلىرىمۇ بۇ ئۇنۋاننى قوللانغان. ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرىمۇ سۇلتان دەپ ئاتالغان. 13 ئەسىردىن 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ۋە 1914 - 1922 - يىللىرىدىكى مىسىر ھۆكۈمرانلىرى ھەمدە ئورمان ھۆكۈمرانلىرى قاتارلىقلارمۇ سۇلتان ئۇنۋانىنى قوللىنىپ كەلگەن.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «كۈچ» ياكى «ھوقۇق» دېگەنلىك بولىدۇ. غەزنەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانى مەھمۇد (998 - يىلىدىن 1030 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) سۇلتان ئاتىلىپ، سۇلتاننى دۆلەت ھۆكۈمرانىنىڭ نامى قىلىشنى باشلىغان. كېيىنكى خەلىپىلەر ئىمپېرىيە تەۋەلىكىدىكى جايلارنىڭ پادىشاھلىرىغا مۇشۇ ئۇنۋاننى بەرگەن. بۇ سۆز مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە تەدرىجىي كەڭ قوللىنىلغان. ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئوسمانلى تۈركلىرى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، ئىمپېرىيىنىڭ ھۆكۈمرانىنى سۇلتان دەپ ئاتىغان. سۇلتان ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەت سۇلتانلىق دېيىلگەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى ئەڭ يۇقىرى ۋالىي، ئەمىرنىڭ نامى؛ پادىشاھ.
ئۆزىنى سورىغان شەھەرگە سۇلتان، ئۆزىنى سورىمىغان ئۆتۈككە ئۇلتاڭ (ماقال).
سۇلتان كۈندۈزنى كېچە دېسە، كۈننى ئاي دېگۈلۈك (ماقال).
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سەلتەنەت ئىگىسى، پادىشاھ، ھۆكۈمران
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
شاھ، ھۆكۈمدار، پادىشاھ، يەنى ئۆمرى ئۇزۇن بولۇپ، يۇقىرى مەرتىۋىلەر ئىگىسى بولسۇن، دېگەن مەنىدە. باشقا شەكىللىرى: سۇلتانباي، سۇلتانجان، سۇلتانخان.