Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇكرې
دۇنيا تارىخى
(1795 - 1830)، جەنۇبىي ئامېرىكا مۇستەملىكىسىنىڭ مۇستەقىللىك ئۇرۇشى يولباشچىلىرىدىن بىرى. بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1826 - 1828). ۋېنېسۇئېلانىڭ كۇمانادا تۇغۇلغان. 1811 - يىلى مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن بولىۋارنىڭ ياردەمچىسى بولغان. كولۇمبىيە مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن كىدو ئۆلكىسى (ھازىرقى ئېكۋادور) گە ئەۋەتىلگەن. 1822 - يىلى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، پىچىنچا جېڭىدە غەلىبە قىلغان. 1824 - يىلى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، پېرودىكى خۇنىن ۋە ئاياكۇچودىن ئىبارەت ئىككى جايدىكى جەڭدە ئىسپانىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىكىرىنىڭ مۇستەقىللىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان. 1825 - يىلى پوتوسىغا يۈرۈش قىلىپ، يۇقىرى پېرۇنىڭ مۇستەقىللىكىنى جاكارلىغان. بولىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، ئۆمۈرۋايەتلىك زۇڭتۇڭ بولغان. كېيىن كولۇمبىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيەنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىشى ۋە پېرۇنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كېرىشى تۈپەيلىدىن ۋەزىپىسدىن قالدۇرۇلغان. 1830 - يىلى بولىۋار بىلەن ھەمكارلىشىپ بۈيۈك كولۇمبىيىنىڭ بۆلۈنۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ نەتىجە چىقىرالمىغان، كېيىنرەك يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.