Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۇكىپارىسى
بىئولوگىيە
شەمشاھ ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يۇپۇرماق تاشلايدىغان ۋە يېرىم دائىم يېشىل تۇرىدىغان دەرەخ. دەرەخ غولىنىڭ تۈۋى قىسى يوغىناپ تۈۋرۈكسىمان ئوقۇرغا ئايلىنىدۇ ھەمدە سۇ ئۈستىگە نەپەسلەنگۈچى يىلتىز چىقىرىدۇ. غولىدا بۇرمىسىمان سىزىقچىلار بولىدۇ. قوۋزىقى ئۇزۇنسىغا يېرىلىپ رەتسىز ئۇزۇن ياپىلاق يىپچىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، شاخلىرى شالاڭ بولىدۇ، كىچىك شېخى ساقلىنىدىغان ۋە تۆكۈلۈپ كېتىدىغان شاخقا ئايرىلىدۇ. يوپۇرمىقى ئۈچ خىل، يەنى يىپسىمان، يىڭنىسىمان ۋە تەڭگىسىمان بولۇپ، تەڭگىچە يوپۇرماقتىن باشقىلىرى كۈزدە كىچىك شاخ بىلەن بىرگە تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىقى بىر تۈپتە بولۇپ، تەڭگىچە يوپۇرماق ئۆسىدىغان كىچىك شاخنىڭ ئۇچىدا تىك ياكى بىر ئاز ساڭگىلاپ ئۆسىدۇ. ئاتىلىق شارچە گۈلى ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ، ئاتىلىقى 15 - 20 تال بولىدۇ، ئانىلىق شارچە گۈلى شارسىمان، تۈگۈن تەڭگىچىسى كىچىك، ئورىغۇچى تەڭگىچىسى چوڭ بولۇپ، ئوزۇقلانغاندىن كېيىن تۈگۈن تەڭگىچىسى يوغىناپ ۋە قېلىنلاپ ئۇرۇق تەڭگىچىسىگە ئايلىنىدۇ. شارچە مېۋىسى تىك ئۆسىدۇ، ئورىغۇچى تەڭگىچىسى بىلەن ئۇرۇق تەڭگىچىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىرلىشىپ كېتىدۇ؛ ئۇرۇقى ئېللىپىسسىمان، ئازراق ياپىلاق بولۇپ ئۇزۇن قانىتى بولىدۇ، ئۇرۇقداشتىن پەقەت سۇكىپارىسىلا جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، فۇجيەن، جياڭشى، سچۇەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ؛ كۈنگەي، نەم، ئىسسىق كىلىمات ۋە سۇلۇق مۇھىتتا ئۆسۈشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ سۇغا چىداملىق، تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا چىدامسىز بولۇپ، تۇپراققا ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك. ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتى يۇمشاق، سىزىقى ئىنچىكە، نەملىككە چىداملىق بولۇپ، قۇرۇلۇش، كۆۋرۈك، ئۆي جاھازىلىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ؛ يىلتىز ياغىچى يەڭگىل، لەيلەش كۈچى زور بولۇپ، قۇتقۇزۇش چەمبىرىكى، بوتۇلكا پۇرۇپكىسى قاتارلىقلار ياسىلىدۇ؛ ئۇرۇقىدىن بىنەپشە بوياق ياساپ يىپەك (ياكى سۈنئى يىپەك) توقۇلمىلار ۋە بېلىق تورلىرىنى بوياشقا ئىشلىتىلىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان بولغاچقا، شامالدىن مۇداپىئەلىنىش دەرىخى قىلىشقا، شەكلى كۆركەم بولغاچقا ھويلا - ئاراملارغا تىكىشكە بولىدۇ.