Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۈننەتكە لايىق ياخشى تالاق
دائىرە: ئىسلام ئاتالغۇلىرىبۇ <ئەنئەنىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، تەشەببۇس قىلىنىدىغان تالاق> بولۇپ، <يېنىۋېلىشقا بولىدىغان تالاق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ سۈننىي مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر. شەرىئەت بەلگىلىمىسى بويىچە ئەر كىشى خوتۇنى ھېيىزسىز مەزگىلدە بىر قېتىم تالاق دېسە ھەمدە ئۇدا ئۈچ ئاي خوتۇنى بىلەن بىللە بولمىسا، خوتۇنىنىڭ ئىددىتى توشقاندىن كېيىن، نىكاھ مۇناسىۋىتى ئاخىرلىشىدۇ. ئىددەت مەزگىلىدە ئەر كىشى پەيلىدىن يېنىپ يارىشىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇڭا بۇنداق شەكىل شەرىئەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كەلگەچكە <ياخشى تالاق> دېيىلىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.