Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۈننەت تەرەپدارلىرى بىلەن پىكىر تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش تارتىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنى تارىخىدىكى ئوخشىمىغان مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان ئۇسۇلى فىقھە ئۈستىدىكى تالاش - تارتىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. Ⅶ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن Ⅷ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە فىقھە شەكىللەنگەندە جايلاردىكى ئەھلى فىقھەلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەرلىك ئادەت (سۈننەت) نى ۋە فەقىھلەرنىڭ شەخسىي پىكرىنى ئاساس قىلىپ ھۆكۈمنى چۈشەندۈردى. بولۇپمۇ ئىراقتىكى ئىلمىي ئېقىملار شۇنداق قىلدى. 770 - يىلىدىن ئېتىبارەن دەسلەپكى چاغلاردىكى ئەھلى فىقھەلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئەھلى ھەدىسلەر پەيدا بولۇپ، ئەل ئىچىگە تارقالغان ھەدىسلەر (ئەمەلىيەتتە مەدىنە قاتارلىق جايلاردىكى ئەنئەنىۋى ئادەتلەر) نى شەرىئەتنى ئىزاھلاشنىڭ ئالىي ئاساسى قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، دەسلەپكى چاغلاردىكى ئەھلى فىقھەلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى كەمسىتىپ، ساختا ھەدىس ئاساسلىرىنى ياساپ چىقىپ، ئۇزۇنغىچە تىركەشتى. كېيىن شافىئىييە مەزھىپى شەكىللىنىپ، مۇرەسسە قىلىش، ياراشتۇرۇش پوزىتسىيىسى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ تالاش - تارتىشىنى پەسەيتتى. ھەدىس (پەيغەمبەر سۈننەتلىرى) نىڭ <قۇرئان كەرىم> دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۇسۇلى ئەل فىقھ ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم پىكىر بىلەن ئەقلىي يەكۈن چىقىرىشنى قىياس بىلەن يەكۈن چىقىرىشقا قېلىپلاشتۇردى. سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئىبارەت تۆت ئۇسۇل فىقھنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر قايسى ئېقىملارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇسۇلى فىقھ توغرىسىدىكى بۇ قېىمقى تالاش - تارتىش شەرىئەت تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقە بولۇپ، ئۇسۇلى فىقھ نەزەرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى.