Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۈلھ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جەڭ _ جىدەل يوق، ئۇرۇش _ تالاش يوق ھالەت.
تىنىچلىقتىن شادلىقنى قولغا كەلتۈرسەڭ، ئاقىل كىشى ھەرگىز قوزغىمايدۇ جەڭ. سۈلھ جەڭدىن ياخشىراق، بۇلار بىگۇمان، ھوشيار بول، كەتمىسۇن قولدىن مال ۋە جان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
دۆلەتلەر، مىللەتلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدا بولغان قوراللىق كۈرەش توختىغان ھالەت.
ئۇرۇش، سوقۇش، جەڭ، يېغا (يېغىلىق)
دۆلەتلەر، مىللەتلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدا بولغان قوراللىق كۈرەش.
ئۇرۇش - تالاشتىن باشلىنىدۇ. ئۇرۇشنى بىلمىگەن كۈچلۈكنىڭ كۈچى زايا. جەڭگە كەتكەننىڭ ھەممىسى جەڭچى ئەمەس. ئۇرۇشنىڭ يېگىنى پۇل، ئىچكىنى قان. سوقۇشنىڭ كۆزى سوقۇر. ئۇرۇش - خان - پادىشاھلارنىڭ ئىچ پۇشۇقى. يېغىدىن يار بويى قاچ. يېغىلىقتا يات ياخشى. تەڭگىدىن تىنچلىق قىممەت. سۈلھ جەڭدىن ياخشىراق بولار. ھوشيار بول، كەتمىسۇن قولدىن مال ۋە جان.