Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۈلەدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇرۇش قىلدى.
بەگ ياغىقا سۈلەدى _ بەگ دۈشمەنگە (قارشى) ئەسكەر تارتتى، يەنى ئۇرۇش قىلدى. ئەسلى «» بولۇپ «و _ ۋاۋ» چۈشۈپ قالغان ( سۈلەر _ سۈلەمەك). شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ياغىڭ تابا تېترۈ باقىپ بۆگدەڭ بىلە
ئوغراپ قالى كەلسە ساڭا قارشۇ سۈلە
دۈشمەن تەرەپكە تىكىلىپ قارا، خەنجىرىڭنى بىلە،
مۇبادا سېنى قەستلەپ كەلسە، ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىل.
دۈشمىنىڭگە ئۆتكۈر كۆزۈڭ بىلەن باق، خەنجىرىڭنى بىلە؛ دۈشمەن ساڭا قەست قىلىپ كەلسە، ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش قىل.
3 - 370