Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىتوپلازما ئىرسسىيىتى
دائىرە: بىئولوگىيە细胞质遗传
xìbāozhìyíchuán
<خروموسوما سىرتى ئىرسىيىتى>، <يادرو سىرتى ئىرسىيتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سىتوپلازمىدىكى گېن ماددىسى (DNA) ئاساس قىلىدىغان ئىرسىيەتتۇر. بۇ خىل ئىرسىي ئالامەتلىرى ھەر دائىم پەقەت ئانىلىق نەسلىدىشىنىڭ سىتوپلازمىسىغا ئەگىشىپ يەتكۈزۈلىدىغان مېندېلچە بولمىغان ئىرسىيەت بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەردە ئوڭ، تەتۈر چېتىشتۇرۇش نەتىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ. سىتوپلازما ئىرسىيىتى بىلەن يادرو ئىرسىيىتى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىرلىككە كەلگەن مۇكەممەل گەۋدىنى تۈزىدۇ. لېكىن سىتوپلازمىدىكى گېندا بولىدىغان ئىنفورماتسىيە ناھايىتى ئاز بولغانلىقتىن، ناھايىتى زور دەرىجىدە يەنىلا يادرو گېنىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.