Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سىتوپلازما ئايلانما ئېقىمى
دائىرە: بىئولوگىيە胞质环流
bāozhìhuánliú
سىتوپلازمىنىڭ بىر خىل ھەرىكەت شەكلى بولۇپ، ئاساسەن ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىلىرىدە بولىدۇ، مەسىلەن، نىتېللا يۈسۈن ھۈجەيرىسىنىڭ مەركىزىي ۋاكۇڭئولىسغا يېقىن ئىچىدىكى پلازمىسىدا سىتوپلازمىنىڭ بەلگىلىك يۆنىلىش بويىچە مەركىزىي ۋاكۇئولىنى ئايلىنىپ ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. سىتوپلازما ئايلانما ئېقىمى ھۈجەيرىنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە مېتابولىزمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. سىتوپلازمىدىكى مىكرويىپچىلەر سىتوپلازمىنىڭ ئايلىنىپ ئېقىشىدا مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.