Uyghurئاساسىي لۇغەت
سېرتورىئۇس
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى 212 - 72) قەدىمكى رىملىق سىياسىئون، گېنېرال. سابىن رايونىدىكى نۇرسىيەدە تۇغۇلغان. مىلادىدىن 102 يىل ئىلگىرى مارىئۇس قوشۇنىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. كېيىن مارىئۇسنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى بولغان. مىلادىدىن 19 يىل ئىلگىرى جەنۇبىي گاللىيىدە مالىيە ئىشلىرى ئەمەلدارى بولغان. رىمغا قايتقاندىن كېيىن پاسبانبەگ سايلام رىقابىتىگە قاتناشقاندا، سۇللانىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. مىلادىدىن 83 يىل ئىلگىرى ئىسپانىيەنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. سۇللا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاندا ئافرىقىغا قېچىپ كەتكەن، مۇرىتانىيىدە سۇللاغا قاراشلىق قىسىملارنى مەغلۇپ قىلغان. مىلادىدىن 81 ياكى 80 يىل ئىلگىرى لوسسىدانىيىلىكلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىسپانىيىگە قايتىپ كېلىپ، يەرلىك ئاھالىلەردىن ئەسكەر ئېلىپ ئارمىيە قۇرغان ھەم 300 كىشىدىن تەركىب تاپقان سېنات ۋە باشقا ھاكىمىيەت ئورگانلىرى (رىم تۈزۈلمىسىگە تەقلىد قىلىپ)نى تەسىس قىلغان، رىم قاچقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىپ مەكتەپ ئېچىپ، شۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە رىمچە تەلىم - تەربىيە بەرگەن. سۇللا ئۆلگەندىن (مىلادىدىن 78 يىل ئىلگىرى) كېيىن كۈچلۈك قوشۇن بولۇپ تەرەققى قىلىپ، رىم ھوقۇقدارلىرى بىلەن قارشىلاشقان. پومپىئوس بويرۇققا بىنائەن قوشۇن باشلاپ جازا يۈرۈش قىلغاندا، دەسلەپتە كۈچ ئېلىشالمىغان. مىلادىدىن 72 يىل ئىلگىرى بىر قېتىملىق زىياپەتتە سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. قالغان كىشىلەر پومپىئوس تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.