Uyghurئاساسىي لۇغەت
سېرپاپىنتو
دۇنيا تارىخى
(1846 - 1900) پورتۇگالىيىلىك مۇستەملىكىچى، ئېكسپېدىتسىيىچى. 1869 - يىلى زامبېزى دەرياسى ۋادىسىدىكى قەبىلىلەرنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. 1877 - يىلى ئافرىقىغا بېرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىپ، ئانگولادىن يولغا چىقىپ، ئافرىقا چوڭقۇرۇقلۇقىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، موزامبېك دېڭىز ياقىسىغا يېتىپ بارغان. 1884 - يىلى يەنە قوراللىق ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ ئافرىقىغا بارغان ھەمدە موزامبېكنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1887 - يىلى زانزىباردا تۇرۇشلۇق باش كونسۇل بولغان. 1889 - يىلى موزامبېكنىڭ باش ۋالىيسى بولغان. پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئانگولادىن موزامبېككىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەرلەرنى بېسىۋېلىشىغا تەدبىر كۆرسىتىپ بەرگەن. ئەنگلىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغانلىقتىن ئەمەلگە ئاشمىغان. <ئافرىقىنى قانداق قىلىپ توغرىسىغا كېسىپ ئۆتتۈم> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.