Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىراج ئۇد دائۇلا
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1732 - 1757) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بېنگالدىكى ھۆكۈمرانى (1756 - 1757). ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئەنگىلىيەنىڭ كالكۇتتادىكى كېڭەيمىچىلىك كۈچلىرىگە قارشى تۇرغان. 1756 - يىى 6 - ئايدا، كالكۇتتانى ھۇجۇم بىلەن ئالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەنگىلىيە قوشۇنىدىن ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ بىرقىسمى بىر ئېغىز كىچىككىنە ئۆيگە سولاپ قويۇلغان، ئەسىرلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. بۇ، تارىختىكى <قاراڭغۇ ئۆڭكۈر ۋەقەسى> ئىدى. 1757 - يىلى 1 - ئاينىڭ باشلىرىدا، ئەنگىلىيە قوشۇنى كالكۇتتانى قايتۇرۋالغاندىن كېيىن، سۈلھ تەلەپ قىلىشقامەجبور بولغان ھەمدە ئەنگىلىيەنىڭ ئىمتىيازىنى ئېتىراپ قىلغان. كېيىن ئەنگلىيە ئۇنى بىكار قىلماقچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەنگلىيەگە قارشى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. 6 - ئايدا پىلاسسى جېڭىدە مىرجاپار ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن مەغلۇپ بولغان. 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۇ مىر جاپارنىڭ ئوغلى مىران تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.