ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مەخپىيەت.
سىر ساقلىماق. * سىر يوشۇرماق. * سىر تۇتماق. * سىر ئالماق.* چىشنىڭ سىرىنى تىل بىلىدۇ (ماقال) . * باش كەتسە كەتسۇن، سىر كەتمىسۇن (ماقال) .
ئىككى خىل كىشىدىن سىر يوشۇرما زىنھار،
بىرى ياخشى تېۋىپ، بىرى سادىق يار.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
مىنېرال بوياق.
سېرىق سىر. * سىرلىماق. * سىر بەرمەك. * داسنىڭ سىرى چۈشۈپ كەتمەك. * تاۋاقنىڭ سىرى كەتسىمۇ، سېنى كەتمەپتۇ (ماقال) .
دائىرە: چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرىئەرەبچە
يوشۇرۇن، مەخپىي؛ سىر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يوشۇرۇن سۆز ياكى ئىش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشقىلارغا مەلۇم بولمىغان، باشقىلاردىن مەخپىي تۇتىدىغان ئىش، گەپ، نەرسە.
چىشنىڭ سىرىنى تىل بىلەر. ئوغرىنىڭ سىرى كۆزىدە. دۈشمەن سىرىنى دۈشمىنىگە بەرمەس. كۆز - نۇرنىڭ ئۈلگىسى، كۆڭۈل - سىرنىڭ ئۇۋىسى. كۆڭۈلدىكى سىرنى كۆز ئاشكارىلايدۇ. مەخپىيىتىڭنى ساتقۇن ئاچار. ئەڭ يۈكسەك دوستلۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ مەخپىيەتلىك بولىدۇ.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىچىر - چىر.
چېكەتكىنىڭ ئاۋازى. سىر سىر ئېتتى _ چىرىلدىدى. قەلەم ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن چىققان ئاۋازمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ.
1 - 424
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىسىر.
چىنلىقلار قاچىنى نەقىشلەپ سىرلايدىغان بىر خىل يېلىملىق بوياق. سىرلىغ ئاياق _ سىرلىق ئاياق (قاچا).
1 - 424
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
بەدەننىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ مەلۇم بىر تەسىر تۈپەيلىدىن يىڭنە سانجىغاندەك بىر خىل ئاغرىش ھالىتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
باشقىلاردىن مەخپىي تۇتىلىدىغان، ئۆزىگىلا مەلۇم، ئۆزگىلەردىن نامەلۇم بولغان ئىش - ھەرىكەت، نەرسە؛ مەخپىيەتلىك.
دوست بىل سىرىنى بىلىپ (ماقال).
تېخى ئېچىلمىغان، ئېنىقلانمىغان، ئىنسانىيەت تېخى بىلىپ يېتەلمىگەن نەرسە، خۇسۇسىيەت، ئالاھىدىلىك.
- ئاشۇ قۇملۇقلارنىڭ ئاستىدا دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرىنى ئاچىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچلار كۆمۈلۈپ ياتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مىنېرال بوياق، ئەلىپماي ۋە سىمولا قاتارلىقلاردىن ئىشلىنىدىغان، نەرسىلەر يۈزىگە سۈركەش ئارقىلىق چىرىشتىن مۇداپىئەلەنگىلى ۋە پارقىراقلىقنى ئاشۇرغىلى بولىدىغان بىر خىل بوياق.
دائىرە: ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدىمكى ئۇيغۇر (تۇرا) لارنىڭ قەبىلىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى. كېيىن بۇ قەبىلە تاردۇش قەبىلىلىرى بىرلىشىپ سىرتاردۇش قەبىلىلىرى دەپ ئاتالغان.