Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سوۋېت گراژدانلار ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
苏维埃国内战争
sū wéi āi guó nèi zhàn zhēng
1918 - 1920 - يىللىرى سوۋېت روسىيىسىنىڭ چەتئەل قوراللىق مۇداخىلىچلىرى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي قوراللىق كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. 1918 - يىلنىڭ باشلىرىدا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيدىن ئىبارەت ئانتانتا جاھانگىرلىرى، ئەمدىلا دۇنياغا كەلگەن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى بوغۇپ تاشلاش غەرىزىدە مۇداخىلىچى ئارمىيىسىنى ئەۋەتىپ، مورمانىسكى، يىراق شەرق ۋە جەنۇبىي كاپكازدىن سوۋېت دۆلىتىگە بېسىپ كىرگەن. ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى يۆلەپ،قوراللىق توپىلاڭ قىلىشقا قۇتراتقان؛ شىمالىي كاپكازدىن سوۋېت دۆلىتىگە بېسىپ كىرگەن. ئەكسىيەتچى كۈچلەرنى يۆلەپ، قوراللىق توپىلاڭ قىلىشقا قۇتراتقان شىمالىي كاپكازدا دېنكىن، دون دەرياسى رايونىدا كراسنوۋ؛ سىبىرىيىدە كولچاك، غەربىي شىمالدا يودېنچ؛ ۋولگا دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ۋە سىبىرييىدە يەنە چېخوسوۋاكىيە ھەربىي پولكى توپىلىڭى يۈز بەرگە. گېرمانىيە ئىشغالىيەتچىلىرى ئوكرائىنا، بېلوروسىيە ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان. سوۋېت روسىيىسى تۆت ياقتىن قورشاۋ ئىچىدە قىلىپ 3/4 قىسىم زېمىنى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت: <ھەممە ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن، ھەممە جۇمھۇرىيەت ئۈچۈن> دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان. قىزىل ئارمىيە قۇرۇپ، ئۇرۇش مەزگىلى كوممۇنىزم سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەرگە قارشى قەتىئىي كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1918-يىلنىڭ ئاخىرى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى شەرقىي سەپتە چېخوسلوۋاكىيە پولكى توپىلىڭىنى تارمار قىلغان، جەنۇبىي سەپتە سارىتسېننى قوغداش ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئانتانتا دۆلەتلىرى يەنە سوۋېت دۆلىتىگە ئۇدا ئۈچ قېتىملىق زور كۆلەملىك قوراللىق مۇداخىلە ئېلىپ بارغان. بىرىنچى قېتىملىقى، 1919-يىلى 3-ئايدا بولۇپ، شەرقىي سەپتىكى كولچاك قوشۇنىنى ئاساس قىلىپ، يودېنچ، دېنگىن شىمالىي ۋە جەنۇبىي تەرەپتىن ئۆزئارا ماسلاشقان. قىزىل ئارمىيە ئالتە سەپتە دۈشمەن بىلەن ئېلىشقان. 4-ئايدا، قىزىل ئارمىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، كولچاكنى مەغلۇپ قىلغان ھەمدە پېتروگرادنى يودېنچنىڭ خەۋپىدىن قۇتقۇزغان. ئىككىنچى قېتىملىقى، شۇ يىلى 7-ئايدا بولۇپ، ئۆزىنى <14 دۆلەت جازا يۈرۈشى> دەپ ئاتىۋالغان دۈشمەن ئارمىيىسى دېنكىننى ئاساسىي كۈچ قىلىپ، بىر مەھەل ئۇريولىنى بېسىۋېلىپ، موسكۋاغا خەۋپ سالغان. لېنىن: <كۆپچىلىكنى دېنكىنگە قارشى كۈرەشكە> چاقىرغان. شۇ يىلى 11-ئايدا دېنكىن تارمار قىلىنغان. ئۈچىنچى قېتىملىقى، 1920-يىلى 4-ئايدا بولۇپ، ئانتانتا دۆلەتلىرى پولشانى ئوكرائىناغا ھۇجۇم قىلپ كىرىشكە قۇتراتقان. قىرىمدىكى ۋرانگېل ئۇلارغا ماسلاشقان. 5-ئايدا قىزىل ئارمىيە قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 8-ئايدا ۋارشاۋاغا قىستاپ بارغان. 10-ئايدا ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان. 11-ئايدا ۋرانگېلنى يوقىتىپ، قىرىمنى ئازاد قىلغان. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە سوۋېت روسىيىسى چەت ئەل مۇداخىلىچىلىرى قوراللىق ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقىرىپ، مەملىكەت ئىچىدىكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭلارنى ئاساسەن يوقاتقان.