Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سوۋېت -فىنلاندىيە ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
苏芬战争
sū fēn zhàn zhēng
1939 - 1940 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن فىنلاندىيە ئوتتۇرىسدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ غەربىي شىمالىي چېگرىسى بىلەن لېنىنگرادنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، 1938 - يىلى 10، 11 - ئايلاردا فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىگە زېمىن ئالماشتۇرۇش شەرتنامىسى تۈزۈشنى تەكلىپ قىلغان. فىنلاندىيەدىن كارىلىيە بوينىدىكى دېڭىز چېگرىسىنى ئىچىگە نەچچە ئون كىلومېتىر سۈرۈ، سوۋېت ئىتتىپاقى سوۋېت كارىلو - فىنىدىن ئىككى ھەسسە كېلىدىغان زېمىنى بىلەن ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ رەت قىلىنغان. نەتىجىدە 1932 - يىلى تۈزۈلگەن سوۋېت - فىنلاندىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى بىكار قىلىنغان. 1939 - يىلى 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقى - فىنلاندىيە ئۇرۇشى پارتلىغان. ئىككى تەرەپ زور بىر تۈركۈم قوشۇنلىرىنى ئىشقا سالغان. ئۈچ ئايلىق ئۇرۇش ئارقىلىق، فىنلاندىيە مەغلۇپ بولۇپ، سۈلھ قىلىشنى تەلەپ قىلغان. 1940 - يىلى 3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى موسكۋادا <سوۋېت - فىنلاندىيە سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالانغان. شەرتنامىگە ئاساسەن ئەسلىدە فىنلاندىيىگە قاراشلىق كارىلىيە بوينىنى (ۋېبۇرگ، ۋېبۇرگ بوغۇزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لادوژسكو كۆلىنىڭ غەربىي، شىمالىي قىرغاقلىرى، فىنلاندىيە قولتۇقىدىكى بەزى ئاراللار، رىباچېي ۋە سلېتنى يېرىم ئارىلىنىڭ بىرقىسمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئايرىپ بەرگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى يەنە 30 يىللىق مۇددەت بىلەن خانكۆ يېرىم ئارىلىنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسى بازىسى قىلىۋالغان.