Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۆرۈن تەلەت
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
چىرايى، ھۆسنى، جامالى، تەلەتى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشمىگەن، يارىشىملىق يېقىملىق ئەمەس.
چىرايلىق، گۈزەل، ئۇز، كۆركەم، زىبا، بەرنا، ساھىبجامال
چىرايى، ھۆسنى، جامالى ۋە ئومۇمەن كۆرۈنۈشى كېلىشكەن، يارىشىملىق، يېقىملىق.
چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس، سۆيگەن چىرايلىق. چىرايلىقنىڭ دەردى يامان، سەتنىڭ ھالى. كۆرۈپ يۈرگەن چىرايلىقنى ئالغۇچە، كۆرۈپ بىلگەن سەتنى ئال. ئادەم پەقەت ھۆسنى بىلەن گۈزەل ئەمەس، ئادىمىيلىك جەۋھىرى بىلەن گۈزەل. مانتىغا پىياز، سامسىغا تۇز، ھەركىمنىڭ يارى ئۆزىگە ئۇز. لايىقىڭ خۇنۈك بولسا، قېيىن ئاناڭنىڭ كۆركىدىن نېمە پايدا. گۈزەل قىز ئاقىۋەت سەت موماي بولار. كۆرۈمسىز بولسىمۇ ئېرىڭ بولسۇن. خۇنۈكنى پەردازلىساڭمۇ خۇنۈك. دۈشمەننى بەتبەشىرىسى ئاشكارا بولدى. ئالدىمغا بىر سۆرۈن تەلەت خوتۇن چىقتى. ئون سەككىز يېشىڭ - زىبا چېغىڭ، ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
رەڭگىرويى يېقىمسىز، چىرايى ئېچىلمايدىغان، چىرايىدىن مۇز ياغىدىغان، مۇز چىراي: بۇ سۆرۈن تەلەت موماي ئۇنىڭ سۈپۈرگە تۇتقۇدەك بولۇپ قالغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ھېپىزەمنى يېنىدا ئېلىپ قالدى.