Uyghurئاساسىي لۇغەت
سۆرىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى كۆتۈرمەي، يەرگە تەگكۈزۈپ ئالدىغا تارتماق.
مۈشۈكنى ھارۋىغا قاتساڭ، ھارۋىنى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا سۆرەيدۇ (ماقال).
زورلۇق بىلەن بىر تەرەپكە تارتماق، ئېلىپ ماڭماق.
ئۇنىمىساممۇ ئۇنىماي دادام قولۇمدىن سۆرەپ ماڭدى.
باشلىماق، ئەكەلمەك.
بۇ تېپىشماقتەك ئىش يىگىتنى قانداقتۇر بىر قىزىقىش ئىچىگە سۆرەپ كەلدى.
كۆچمە. بىرەر ئىشنىڭ بېجىرىلىشى، ئورۇندىلىشىنى كەينىگە سۈرمەك، كېچىكتۈرمەك.
- مەن ساڭا قاچان قەرز ئېلىپ لەۋزىمدە تۇرمىغان؟ بەرگىن، ئۇزاققا سۆرىمەيمەن، - دېدى ئۇ.