Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىنكلېر
دۇنيا تارىخى
(1878 - 1968) ئامېرىكىلىق يازغۇچى. نيۇ - يورك شەھەرلىك ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرۈپ، كېيىن كولۇمبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇرغان. 1902 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1904 - يىلى بۇ پارتىيىنىڭ قوللىشى بىلەن چىكاگو گۆش يىمەكلىكلەر پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ چىققان. 1906 - يىلى <قۇشخانا> ناملىق رومانىنى ئېلان قىلىپ، كاپىتالىستىك يىرىك سانائەتنىڭ زۇلىمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئىشچىلارنىڭ ھالىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن ھەمدە چىكاگو قۇشخانىسىنىڭ پاسكىنا ئەھۋالىنى پاش قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان، قوشما شتات يېمەكلىكلەر تازىلىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە سەۋەب بولغان. ئۇ، بۇ رومانى ئۈچۈن ئالغان قەلەم ھەققى بىلەن ئىجتىمائىي ئىسلاھات سىنىقى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن <ھېلىكان ئائىلە جامائەسى>نى قۇرۇپ چىققان، بىراق ئۇزاق ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەچچە خىل ئىجتىمائىي ئىسلاھات خىزمىتىنى ئىشلەپ باققان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن يەنە <كۆمۈر كارولى>، <نېفېت!>، <بوستون> قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ يەنە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تەتقىقاتىغا دائىر <پارا>، <ھۈرمەت قەدەم>، <پۇلنىڭ ماھارىتى>، <ئەجدىھا چىشى> ۋە <تەرجىمىھال> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. ئاپتور ئەسەرلىرىدە كۆپرەك جەمئىيەتتىك رەزىللىكلەرنى پاش قىلغان. شۇڭا <رەزىللىكلەرنى پاش قىلغۇچى> يازغۇچى دەپ نام ئالغان.