Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىنگاپور سۇلتان مەسچىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ سىنگاپوردىكى مەشھۇر مەسچىت بولۇپ، ئورنى سىنگاپور دەرياسىنىڭ شەرقىي شىمال قىرغىقىدىكى كوچىدا. 1824 - يىلى سىنگاپورنىڭ سۇلتانى ھۈسەيننىڭ تەشەببۇسى ۋە قوللىشى بىلەن سېلىنغان. 1924 - يىلى ئەنگلىيىلىك ئۆلچەش - سىزىش مۇتەخەسسىسى دانتىس سېندېرنىڭ لايىھىلىشى بىلەن قايتا ياسالغان. ئەرەب بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىكى گۈمبەزلىك مەسچىت بولۇپ، خانىقانىڭ چۆرىسىنى تۈۋرۈكلۈك كارىدورى ئوراپ تۇرىدۇ. 14 ئىشىكى بار. يوللارغا سىلىقلانغان تاش يېيىتىلغان. مەسچىتنىڭ تۆت بۇرجىكىگە ئۇچلۇق مۇنار شەكلىدە پەشتاق سېلىنغان. 1977 - يىلى زىننەتلىنىپ، تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلىۋېتىلگەن.