Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سموللېت
دۇنيا تارىخى
斯摩莱斯
sī mó lái sī
(1721 - 1771). ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى. شوتلاندىيىلىك. ياش ۋاقتىدا گلاسگوۋادا دوختۇرلۇقنى ئۆگەنگەن. 1739 -يىلى لوندونغا كۆچۈپ كەلگەن. دېڭىز ئارمىيىسىدە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى بولغان. 1744 - يىلى لوندونغا قايتىپ كېلىپ دوختۇرلۇق قىلغان، شۇنداقلا ئەدەبىي ھاياتىنى رەسمىي باشلىغان، ئۇ سەرگەردانلارنىڭ تۇرمۇشىنى يېزىشقا ماھىر بولۇپ، سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئەنگىلىيە جەمئىيىتىدىكى رەڭگارەڭ رەزىل ھادىسىلەرنى ئېچىپ تاشلاپ، ھۆكۈمرانلارنىڭ نادانلىقى ۋە زالىملىقىنى مەسخىرە قىلغان. ۋەكىللىك ئەسىرى <ھېفران كلىنىڭ> بولۇپ، يەنە <راندېننىڭ تەرجىمىھالى>، <بېلگرون بىكىر> قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.