Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
سمولا نەيچىسى
دائىرە: بىئولوگىيە树脂道
shùzhīdào
بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تېنىدىكى سمولا يىغىلىدىغان قانال. ئۇ نۇرغۇنلىغان ئاجراتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ قورشىشىدىن ھاسىل بولغان يېرىقچە ھالەتتىكى ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقىدىن تۈزۈلىدۇ. ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقى توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسغا تۇتىشىپ باشقا توقۇلمىلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئاجرىتىلغان توقۇلمىلارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ئاجرىتىلغان سىمولىنىڭ ئۆسۈملۈكنى قوغداش ياكى زەخمىلەنگەن ئورۇننىڭ ئاغزىنى ئېتىش رولى بولۇشى مۇمكىن. سمولا نەيچىسى قارىغاي ۋە شەمشاد تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە بولىدۇ. قارىغاي سمولىسى يەنى دېۋىرقاي سانائەتنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى. بىئولوگىيىلىك پرىپارات ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان كانادا دەرەخ يېىلىمى دېۋىرقايلىق ئاق شەمشاد دەرىخىدىن ئايرىۋېلىنغان سمولىدىن ئىبارەت.
دائىرە: ئۇنىۋېرسال树脂道
shù zhī dào
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.