Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىڭمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېگەن نەرسە ئاشقاندا يۇمشاپ ئورگانىزىم قوبۇل قىلىدىغان ئوزۇقلۇققا ئايلانماق.
سىڭگەن نېنىڭنى يە. ئوغرىلاپ يېگەن تەنگە سىڭمەس. تەڭ يېگەن تەنگە سىڭەر. ئاشنى ھەزىم بولغاندا ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تامماق، تامچىلىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاستا - ئاستا سىزىپ ئىچكى قاتلاملىرىغا ئۆتمەك، ئىچكى قىسمىغا كىرىپ كەتمەك.
سۇنىڭ مەلۇم مىقداردا يەر ئاستىغا سىڭىپ كېتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم.
ھەزىم بولماق، ئاشقازانغا كىرىپ ئۆزلەشمەك.
ئاشنى سىڭگەندە ماختا، خوتۇننى ئۆلگەندە (ماقال).
كۆچمە. ئاش بولماق، ئەسقاتماق، قۇتىماق.
رازى بولسىلا، مالمۇ سىلىگە سىڭسۇن، پۇلمۇ بىزگە.
كۆچمە. سەرپ بولماق.
دېرىزىلەردە ئېچىلىپ تۇرغان گۈللەرنىڭ ھەممىسىگە ئايشەمخاننڭ ئەمگىكى سىڭگەن.
ئۆزلەشمەك، ئورناشماق؛ لايىق، مۇۋاپىق دەپ قارالماق، ماس كەلمەك.
ئاخىرى ئالىمغا <تۆگە> لەقىمى سىڭىپ قالدى.
كۆچمە. ئارىلىشىپ، بىردەك بولۇپ كەتمەك، ئاسسىمىلياتسىيە بولماق.
ھازىرقى زامان مىللەتلىرى كۆپلىگەن ئالاقىدار قەبىلىلەر ۋە خەلقلەرنىڭ تارىخىي قوشۇلمىسى ياكى سىڭىشىدىن ھاسىل بولغان.