Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىما
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈز، چىراي، چېھرە، ئەپت - بەشىرە، فىزىئونومىيە: ماھسىيما - ئاي چىراي؛ مەلەك سىيما - پەرىشتە چىراي، گۈزەل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ ئوي - پىكرى ۋە ھېس - تۇيغۇسىنى قوزغايدىغان ھالەت، قىياپەت، چىراي.
<سىما> كۆپرەك چىرايغا قارىتىلىدۇ.
ئېگىلىپ تۇرۇپ كىچىك بالىغا ياردەم بەرگەننىڭ ئوبرازى ھەممىدىن يۈكسەك بولىدۇ. ئۇنىڭ سىماسى كىشىگە ئۆتمۈشتىكى ئانىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى ئەسلىتەتتى.