Uyghurئاساسىي لۇغەت
سىلىندىر
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
>مات< تىك تۆت بۇلۇڭنىڭ بىر تەرىپىنى ئوق قىلىپ بىر قېتىم ئايلىنىشىدىن ھاسىل بولغان گېئومېتىرىيىلىك شەكىل. ئۇنىڭ ھەجمى ئاساسىنىڭ يۈزى بىلەن ئېگىزلىكىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ.
شۇنداق شەكىلدىكى دېتال ياكى بۇيۇم، يەنى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېل ياكى پار ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە پورشىن بولىدىغان بۆلىكى.