Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
斯提芬一世
دۇنيا تارىخى
ستىۋان Ⅰ
(تەخمىنەن 975 - 1038). ۋېنگرىيەنىڭ تۇنجى پادىشاھى (1000 - 1038). مىلادى 997 - يىلى دادىسىنىڭ تەختىگەۋارىسلىق قىلىپ، ۋېنگرىيەنىڭ كىنەزى بولغان. 1000 - يىلى رىم پاپاسىنىڭ قوللىشى بىلەن تاج كىيىپ، پادىشاھ دەپ ئاتالغان ۋە ئارپاد سۇلالىسىنى قۇرغان. تەختتە تۇرغان مەزگىلدە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ، چېركاۋغا كەڭ كۆلەملىك يەرلەرنى ئىنئام قىلغان، شۇنىڭ بىلەن چېركاۋ پادىشاھلىق ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكىگە ئايلانغان؛ ئۇنىڭدىن باشقا، مەركەزگە بويسۇنىدىغان يەرلىك مەمۇرىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىپ، ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ قالدۇقلىرىنى يوقاتقان، شۇنىڭ بىلەن فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ شەكىللىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، سىنىپىي زىددىيەتلەرمۇ شۇ سەۋەپتىن جىددىيلەشكەن.