Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
斯提芬
دۇنيا تارىخى
ستېفېن
(1) ستېفېن (تەخمىنەن 9710 - 1154). ئەنگلىيە كورۇلى (1135 - 1154).فرانسىيىدە تۇغۇلغان. ئەنگىلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅰ (1068 - 1135) نىڭ جيەنى. ياش ۋاقتىدىلا ئەنگىلىيىگە كۆچۈپ بارغان. 1135 - يىلى 12 - ئايدا ھېنرى Ⅰ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقتىن، بىرقىسىم ئاقسۆڭەكلەر سېتفېننى يۆلەپ تەختكە ۋارىسلىق قىلدۇرغان. ھېنرى Ⅰ نىڭ قىزى ماتىلدا شوتلاندىيە كورۇلى داۋىد Ⅰ (1082 - 1153) قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشپ، ئەسكەر تارتىپ، ئۇنڭغا قارشى چىققان، ئىككى تەرەپ توختىماي قالايمىقان سوقۇشۇپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتسىزلىك ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان. ستېفېن 1154 - يىلى 10 - ئايدا ئۆلگەن، ماتىلدانىڭ ئوغلى، فرانسىيە ئانجو بەگلىكىنىڭ گرافى ھېنرى تەختكە چىقىپ، ئەنگىلىيە كورۇلى بولغان، ئۇ ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتالغان ۋە پلانتا گېنېتس سۇلالىسىنى قۇرغان. (2) ستېۋان (تۇنجى تاج كىيگۈچى) (؟ - 1227). سېرۋىيىنىڭ چوڭ ژۇپانى (1196 - يىلدىن باشلاپ) ۋە كورۇلى (1217 - 1227). ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، سېرۋىيە زالىم بەگلەر تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىنغان بولۇپ، ئىچكى جاڭجال ئۈزۈلمىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رىم ۋاتىكانى بىلەن يېقىنلاشقان ھەمدە 1217 - يىلى پاپا ئىنئام قىلغان تاجغا ئېرىشىپ، پادىشاھدەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. كېيىن ئۆزگىرىپ پراۋوسلاۋىيە چېركاۋىغا تايانغان. 1219 - يىلى بىنىسسىيىدە تۇرۇشلۇق كونستانتىنوپول ئارخېئېپىسكوپىنىڭ قۇشۇلۇشى ئارقىلىق، سېربىيىنىڭ مۇستەقىل پراۋوسلاۋىيە چېركاۋىنى قۇرغان.