Uyghurئاساسىي لۇغەت
شۇ ئەيب ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا قەيت قىلىنغان پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرى. (1) شۇ ئەيب ئەلەيھىسسالام مەديەنلىكلەرگە بىر ئىلاھ ئەقىدىسىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلاردىن «ئاللاغا ئىبادەت قىلىش» نى، «مەھشەر كۈنىنى ئويلاش»نى، گۇناھلىق يامان ئىشلارنى قىلماسلىقنى، ئادىل تىجارەت قىلىشنى، باشقىلارغا نەرسىنى كەم بەرمەسلىكنى، «تارازىدا ئادىل بولۇش» نى تەلەپ قىلدى. قوۋمىدىكىلەر ئۇنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئىشەنمەي، ئەجدادلىرى سەجدە قىلغان ئىلاھلاردىن ۋاز كېچىشنى خالىمىدى. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ قارىشلىقىغا ئۇچرىدى. كېيىن يەر تەۋرەپ، يۇرت ۋەيران بولدى، كىشىلەر ھالاك بولدى. (2) شۇ ئەيب ئەلەيھىسسالام ئەيكىلىقلارغا دىننى تەبلىغ قىلدى. لېكىن ئۇلار ئىمان ئېيتمىدى. نەتىجىدە «ئوتتەك قىزىق ھاۋا (ئوتلۇق بۇلۇت) بىلەن جازالاندى».