Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىرىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
يوتقان، پاختىلىق چاپان قاتارلىقلارنىڭ ئىچىگە سېلىنغان يۇڭ ياكى پاختىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قول ياكى تىكىش ماشىنىسى بىلەن تىكىلگەن تىكىچ.
ئۇ يوتقانلارغا شىرىق سالدى.
يوتقاننى ئېچىپ قارىسام، يوتقاننىڭ شىرىقلىرى سۆكۈلۈپ كەتكەنىكەن.
شىرىق چاپان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
مېتال ۋە ئەينەك پارچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇلۇشى ياكى قۇرۇق ئوت - چۆپ، قەغەزگە ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ دەسسىلىشى، سۇنۇشى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
زەنجىر شىرىق قىلىپ ئىشىك قىيا ئېچىلدى ۋە ئۆي ئىگىسىنىڭ چوقۇر يۈزى كۆرۈندى.