Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىرىك
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز ئاللاغا شىرىك كەلتۈرۈش، مۇشرىكلىك مەنىسدە ئىشلىتىلىدۇ. « قۇرئان كەرىم » دە كۆپ قېتىم « ئاللاغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەڭلار » ( 4 _ سۈرىنىڭ 36 _ ئايىتىدىن ) دەپ تەكىتلەنگەن ھەمدە مۇشرىكلىك قاتتىق ئەيىبلىنىپ: « كىمكى ئاللاھغا شىرىك كەلتۈرىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن قاتتىق ئازغان بولىدۇ » ( 4 _ سۈرىنىڭ 116 _ ئايىتىدىن ) دېيىلگەن. مۇتەكەللىمۇنلارنىڭ قارىشىچە، مۇشرىكلىك ئەڭ قەبىھ ھەم ئەپۇ قىلغىلى بولمايدىغان گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. ئابباسىيلار سۇلالىسنىڭ خەلىپىسى مەھدى ( 754 _ يىلىدىن 775 _ يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) ۋە ھادى ( 775 _ يىلىدىن 785 _ يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان ) دەۋردە مۇسرىكلار كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىنىپ، باستۇرۇلغان. مەھدى ئالبتا بىر نەچچە مەھبۇسنى كىرست تاختىغا مىخلىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە باغداتتا مەھكىمە شەرئى قۇرۇلۇپ ئىككى ئىلاھ ئېتىقادچىلىرى سوراق قىلىنغان، ھادى تەخىتكە چىققاندىن كېيىن بۇنداق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان.