Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىر
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئارسلان.
شىر ئويۇنى. * ئۆزەڭنى ئەر چاغلىساڭ، خەقنى شىر چاغلا.
يامان يولۋاس يولدا ياتىپ شىرغا يول بەرمەس،
ئاتا - ئانىسىدىن قارغىش ئالغان ئىلگىرى كەلمەس.
_ ناخشا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
پۈتۈن، ساق. ئانتونىمى: كاۋاك، پور.
شىر تۇرۇپ. * شىر ياغاچ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈت ئەمگۈچى يىرتقۇچ ھايۋان. «ھايۋانلارنىڭ شاھى» دېگەن نامى بار.
ئارسلان قاتتىق ۋارقىرايدۇ، يۇمشاق تۇتىدۇ. ئارسلاندەك كۈچۈڭ بولسۇن، تايغاندەك ھوشۇڭ. ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، خەقنى شىر چاغلا.
شىۋىلەر
كاۋاك، پورنىڭ ئەكسى. مەسىلەن: شىر ياغاچ، شىر چامغۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى <زوئول> سۈت ئەمگۈچى گۆشخور ھايۋان. تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۈچ مېتىر ئەتراپىدا، تۆت پۇتى كۈچلۈك كېلىدۇ. ئەركىكىنىڭ بوينىدا ئۇزۇن يالى بولۇپ، پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلىرى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە كېلىدۇ. ھايۋانلارنى تۇتۇپ يەيدۇ. كۈچلۈك ھۆركىرەيدۇ. ئادەتتە ھايۋانلار پادىشاھى دەپ قارىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
سۇنىڭ ئارتۇقچە شاۋقۇنلانماي ئېقىشى، تال - يوپۇرماقلارنىڭ تەۋرىنىشى، كىيىم تىكىش ماشىنىسىغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ھەرىكەتلىنىشى قاتارلىقلاردىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئىچى كاۋاك ياكى پور ئەمەس، پۈتۈن؛ زىچ، چىڭ، پورلاشمىغان.
شىر تۇرۇپ. شىر ياغاچ.