Uyghurئاساسىي لۇغەت
شىددەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قاتتىقلىق، قىيىنچىلىق، مۇشەققەت:
كۈچ؛ زور غەيرەت، جاسارەت:
1. ھەجر - فۇرقەت شىددەتىدىن بىھساب،
جاندىن ھەرلەھزە تويغان بارمۇمكىن.
قەلەندەر.
2. مۇھەببەت ئوتى شەۋقىنىڭ شەددەتى،
ئاراغە ئالىپ قالماسە تاقەتى.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قاتتىقلىق، ئېغىرلىق، قىيىنچىلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھەرىكەتتىكى نەرسە ۋە ھادىسلەرنىڭ تېزلىك كۈچى، زەربى، سالمىقى.
قارىسا پۈتۈن ئالەمنى قاپلىغان تاراق - تۇرۇق ئاۋاز بىلەن تاغلار تاغقا، تاشلار تاشقا ئۇرۇلۇۋاتقۇدەك، شىددىتى ئالەمگە تارقىغان بۇ ئاۋاز دەريادىن چىقىۋاتقۇدەك.
زور غەيرەت، شىجائەت، جاسارەت.
بۇدرۇق بىلەكلەر، چېكىلەر بەزى، قىزىرىپ كۆيسىمۇ ئېغىر مېھنەتتە، چارچاشنى ئۆزىگە يولاتماي يېقىن، ئىشچانلار باراتتى ھامان شىددەتتە.